Uyghur主要词典
سۋېردلوۋسكى
بىئولوگىيە
بۇرۇن يېكاتېرىنبورگ دەپ ئاتالغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھىرى، سانائەت، قاتناش، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى ئىسېت دەريا بويىغا جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ جايدا 1723 - يىلى مېتالچىلىق سانائەت كارخانىسى قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئورال رايونىنىڭ ئىقتىساد ھەم ئىنقىلاب مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. ھازىر ئورال رايونىدىكى مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم ماشىنىسازلىق سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا خىمىيە، مېتاللۇرگىيە قاتارلىق سانائەتلەرمۇ خېلىلا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شەھەردە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەنلەر ئاكادېميىلىرى بار.