Uyghur主要词典
سۋىفت
دۇنيا تارىخى
(1667 - 1745). ئەنگىلىيەلىك ساتىرىك يازغۇچى. ئېرلاندىيىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا كۆچۈرمىچىلىك، كاتىپلىق قىلغان، كېيىن يېزا مىسسىئونېرى بولغان. 1713 - يىلىدىن باشلاپ ئېرلاندىيىدىكى پاترىك چېركاۋىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېرلاندىيە خەلقىنىڭ ئەنگىلىيەگە قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان ھەمدە ئەسەر يېزىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئېرلاندىيىدە يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىنى قاتتىق سۆككەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى - <گۇللىۋېرنىڭ ساياھىتى> دېگەن رومانىدا ئەنگىلىيە جەمئىيىتىدىكى نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنى پاش قىلىپ، ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ چىرىكلىكىنى مەسخىرە قىلغان ھەمدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە مۇستەملىكىچىلىكنى سۆككەن. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئاددىي، سۆزلەر توغرا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۈلگىلىك ئوقۇشلۇقى قىلىنغان.