Uyghur主要词典
سۋېدبېرگ
دۇنيا تارىخى
(1884 - 1971). شۋىتسىيىلىك خىمىك. ئۇپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1912 - 1949 - يىللاردا مۇشۇ داشۆنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1931 - 1949 - يىللاردا فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1949 - 1967 - يىللاردا ئاتوم خىمىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. كوللوئىد خىمىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئاقسىل قاتارلىق چوڭ مولىكولىلىق ماددىلارنىڭ مولىكولا ئېغىرلىقىنى بېكىتىش ئۇسۇلى جەھەتتە مۇھىم تۆھپىسى بار. 1926 - نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.