Uyghur主要词典
سىئانىدقا قارشى نەپەسلىنىش
领域: بىئولوگىيەيۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوكسىدلاشقان فوسفاتلىنىشىدا ئاساسىي ماددىدىكى قوشۇمچە ئېنزىم I، سېرىق ئېنزىم ۋە قوشۇمچە ئېنزىم Q دىن ستوخروم a،b،c گىچە بولغان نەپەسلىنىش زەنجىرىدىكى فوسفاتلىنىش ئورۇنلىرىدا ATP ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئاددىي نەپەسلىنىش زەنجىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارنى ئوخشاش بولمىغان تىزگىنلىگۈچلەر تىزگىنلەيدۇ. مەسىلەن، ستوخروم a دىن ستوخرومگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ATP ھاسىل قىلىدىغان Ⅲ فوسفاتلىنىش ئورنىنى سىئانىدلىق برىكمىلەر، ناترىي ئازىدىنلىق بىرىكمىلەر ۋە كاربون ئىككى ئوكسىدى تىزگىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە CoQ ياكى ستوخروم b دىن باشلىنىپ ستوخروم c ۋە a نى ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىمدىن ئۆتۈپ، بىۋاستە مولېكۇلا ھالەتتىكى ئوكسىگېن بىلەن باغلىنىدىغان بىر تارماق يول بار. بۇ تارماق يول سىئانىدىق بىرىكمىلەرگە سەزگۈر ئەمەس بولۇپ، سىئاندقا قارشى نەپەسلىنىش يولى دەپ ئاتىلىدۇ. سىئاندقا قارشى نەپەسلىنىشنىڭ ھاسىل بولۇشى مۇھىت، شارائىت بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، تىپىك غەيرىي سىئاندقا قارشى نەپەسلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن بۇغدايدا، سىرتقى مۇھىتتىكى ئوكسىگېننىڭ ئايرىم بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولغان ھامان دەرھال سىئانىدقا قارشى نەپەسلىنىش تارماق يولى ھاسىل بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك ياكى ئوخشاش بولمىغان ئورۇن ياكى ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى نەپەسلىنىش يولى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، چايانئوت ئائىلىسى ئالوكازىيە ئورۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش تەنچىسىدىكى خورندوىئوسومنىڭ ئېلېكترون ئۆتكۈزۈشى نورمال نەپەسلىنىش زەنجىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھالبۇكى گۆشلەشكەن باشاقسىمان گۈل رېتىدىكى خوندرىئوسومنىڭ سىئانىدقا قارشى نەپەسلىنىش تارماق يولى بىر ئاز كۈچلۈك بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。