Uyghur主要词典
سىئاك شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
سۇماترا سىئاك پادىشاھلىقى بىلەن گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان شەرتنامە. 1858 -يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئاچى بىلەن سىئاكنىڭ زېمىن تالاش - تارتىشىدىن پايدلىنىپ، سىئاكنى ئالداپ شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە، سىئاك پادىشاھلىقى ئۆز دۆلىتى ۋە ئۆزىگە قارام بولغان جايلارنى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ سىئاكنىڭ شىمالدىن مېئاڭ دەرياسى (تۇزسىز دېڭىز)غىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇششاق پادىشاھلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئۇششاق پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرى سىئاكنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغان، بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئاچىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردىن ئىبارەت. گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى سىئاكنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1865 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى قوشۇن ئەۋەتىپ شەرقىي سۇماترانىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان.