Uyghur主要词典
سۈننىي مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئاساسلىق مەزھەپلەرنىڭ بىرى. شىئە مەزھىپى بىلەن ئوخشىمايدىغان سىياسىي ۋە دىنىي مەزھەپ. <سۈننىي> دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، <سۈننەتكە ئەمەل قىلغۇچىلار> يەنى <ئەنئەنىگە ئەمەل قىلغۇچىلار> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تولۇق ئاتىلىشى <ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائە> بولۇپ، ئۆزلىرىنى <ئەھلى سۈننەت> دەپ ئاتايدۇ. ئەسلىي ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان سىياسىي گۇرۇھ ئىدى. مىلادىيە 632 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىپە (ئىز باسار) مەسىلىسى توغرىسىدا مەككىدىكى مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ ئىچىكى قىسىمىدا پەيدا بولغان پىكىر ئىختىلاپى بۆلۈنۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. تۆتىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھاشىم جەمەتى (پەيغەمبەر جەمەتى) دىن چىققان ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىلا قانۇنلۇق خەلىپە (ئىز باسار) بولالايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھەزرىتى ئوسماندىن ئىبارەت ئۈچ خەلىپىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ. شىئە مەزھىپى يېڭى سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ ئۇيۇشىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خەلىپىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە قوللايدىغان كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاساسى بولىدۇ. دەسلەپكى ئىجتىمائىي ئاساسى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەر بىلەن چەكلەنگەن، مۇسۇلمانلار كېيىنكى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەگىشىپ، ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىگە بېقىنغان باشقا تىللىق مىسوپوتامىيە (ئىككى دەريا) ۋادىسىدىكى ئىراقلىقلار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارسلار، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسيادىكى تۈركلەر، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىلار، شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپ مىللەت كوللېكتىپى شەكىللەندى. تارىختا بۇ مەزھەپ سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتە ئۇزۇنغىچە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسى (661 - 750)، ئابباسىيلار سۇلالىسى (750 - 1258) ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى (1298 - 1922) قاتارلىق بىپايان ئىسلام دۆلەتلىرنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇپ، ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى سۈننىي مەزھىپىدە بولۇپ، بۇ مەزھەپنىڭ ھەنەفىيە مەزھىپىگە ئەمەل قىلىدۇ.
ئوخشىمىغان مەزھەپ، ئىلمىي ئېقىم ۋە ئەھلىي فىقەھەلەر بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرۈشتە سۈننىي مەزھىپى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مەزھەپ بولۇش شەكىللەندى. جۈملىدىن ئۇلارنىڭ شىئە مەزھىپى بىلەن بولغان كۈرىشى ئىنتايىن كەسكىن بولدى. شىئە مەزھىپى قولدىن كەتكەن ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، قوزغىلاڭ، توپىلاڭ كۆتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن كۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەزھەپ كۈرىشىنى كۈنسايىن جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار سىياسىي، دىنىي تەشەببۇسلار، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى، ئەمەلىيەتتە سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن سۈننىي مەزھىپى دىنىي مەزھەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن سىستېمىلىق دىنىي ئىدىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سىياسىي كۈرەشلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقنىڭ قوزغىلىڭىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋالغان ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە <ئىسلاملاشتۇرۇش>، <ئاللانىڭ زېمىنىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش> نى دۆلەت سىياسىتى قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> گە، ھەدىسكە، شەرىئەت بىلىملىرىگە پىششىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ نەزەرىيە تەتقىق قىلىشىغا ۋە دىنىي تەبلىغات خىزمىتىگە تاياندى، لېكىن، خەلىپە ھارون رەشىد (786 - 809) دەۋرىدىن باشلاپ، ئوردا ئىچىدە ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تەرەپ، قالدۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان پرسىيە ساسانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، يېڭىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن پرسىيە ساسانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، يېڭىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن پرسىيە تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە شىئە مەزھىپىدىكى ھېسداشلىق ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، دىنىي ھوقۇقنى بېسىشنى تەلەپ قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپ، ئەرەب ھەربىي ئاقسۆڭەڭلىرى، ئىسلام ئۆلىمالىرى تەبىقىسى ۋە ئەرەبلەشكەن باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، پادىشاھلىق ھوقۇقنى ئاجىزلىتىپ، دىنىي ھوقۇقنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى. خەلىپە ھارون رەشىد ئالدىنقى گۇرۇھقا تايىنىپ، كېيىنكى گۇرۇھنى چەكلىدى. خەلىپە مەئمون دەۋرىدە (813 - 833 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) مۇئتەزىلىلەرنىڭ <قۇرئان كەرىم يارالغان تەلىماتى> نى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، بۇ تەلىماتقا قارشى تۇرغۇچىلارغا <بىدئەتلەرنى سورا قىلىش> نامى بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ، ھەدس تەرەپدارلىرى (ئەخبارىيىلەر) باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنى بوغدى، بۇ تەلىماتنى ئىنكار قىلغان ئىمام ئىبنى ھەنبەلى قاتارلىق دىنىي داھىيلار نەزەربەند قىلىنىپ، دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. خەلىپە ئەل مۇتەۋەككىل دەۋرىدە (847 - يىلىدىن 863 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەت مۇقىم بولماي، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش قىيىن بولغاچقا، ئىسلام ئۆلىمالىرىغا تايىنىش سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇزۇنغا داۋاملاشقان بۇ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى مۇنداق ئىككى ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارغان: بىرى، دىنى ئەقىدە ئىدىيىسىگە دائىر مۇنازىرىدە مۇئتەزىلىلەردىن بۆلۈنۈپ چىققان ئەشئەرىيلەرنىڭ مۆتىدىل، مادارالىق ئىلمىي تەۋھىدنىڭ يېتەكچى ئورنى تەدرىجىي تىكلەنگەن؛ يەنە بىرى، دىنىي دانىشمەنلەر باشچىلىقىدىكى زور تۈركۈم ئەرەب مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارغا بويسۇنغان تۈركىي مۇسۇلمانلاردا دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي خۇسۇسىيەتنى ئېتىراپ قىلىدىغان دىنىي ئاڭ بىخلىنىشقا باشلىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنى <ئەھلى سۈننەتلەر>، <ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائە>، <ھەدس ۋە سۈننەت تەرەپدارلىرى>، <ھەقىقەت ۋە سۈننەت تەرەپدالىرى> دەپ پەرقلەندۈردى. سۈننىي مەزھىپىدىكى دىنىي ئىدىيىنىڭ سىستېمىلىشىشى، قېلىپلىشىشى تارماق ئىلىملەرنىڭ شەكىللىنىشىنى مۇھىم بەلگە قىلدى. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تارماق ئىلىملەر شەكىللىنىپ، كېين تەرەققىي قىلدى. قۇرئانشۇناسلىق كىتابلارنى تەتقىق، تەپسىر قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> نىڭ تۇنجى قوليازمىسى - <مۇسھەف ئوسمانى> (ئوسمانىيە نۇسخىسى) نى بارلىققا كەلتۈردى. تەپسىرچىلەر ھەرىكەتكە كەلدى. تەپسىر قىلىش ئۇسۇللىرى كۈنسايىن كۆپەيدى. ھەر كىم ئۆزىنىڭ قارىشىنى قويۇپ، بىر - بىرىنىڭكىنى تولۇقلىدى. ئىبنى تەبەرىنىڭ <قۇرئان كەرىم تەپسىرى> ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولدى. ھەدسشۇناسلىقتا توپلاش، دەلىللەش، تەھرىرلەش ئاساس قىلىنىپ، ھەدىسلەر قانۇن چىقىرىش، شەرىئەتنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىندى. ھەدس ئەسەرلىرى ئىچىدە <سەھىھۇل بۇخارى>، <سەھىھۇل مۇسلىم> قاتارلىق ئالتە ھەدىسلەر توپلىمى سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. فىقھشۇناسلىقتا تەتقىق قىلىش، چۈشىنىش <ئاللانىڭ ئەمرى> نى ئىپادىلەيدىغان ئېتىقاد - ئەخلاق ۋە ھەرىكەت قائىدىسى ئاساسىي مەقسەت قىلىندى. <پىكىر تەرەپدارلىرى> (ئەھلىي ھەدىس) ئوتتۇرىسىدىكى ئۇسۇلى فىقھە مۇنازىرىسى ئارقىلىق، مەشھۇر فەقىھ شافىئىي شەرىئەت مەنبەسى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چوڭ تەرەپتىن ئوخشاش، كىچىك تەرەپلەردىن پەرقلىنىدىغان تۆت ئەھلى فىقھە شەكىللىنىپ، ئوخشىمىغان ئېقىمغا مەنسۇپ بولغان سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇلارغا ئەمەل قىلدى. بۇ مەزھەپ مۇئتەزىلىلەرنىڭ تەقدىرنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە <ئىرادە ئەركىنلىكى> نى تەكىتلەيدىغان تەلىملىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ دىئالېكتىك پەلسەپە ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئېتىقادنى دەلىللەپ، ھەدىس تەرەپدارلىرىنىڭ ئەنئەنىگە ئېتىبار بېرىپ، ئىدراكقا سەل قارايدىغان يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىدى. ئەشئەرىيىلەر بەك دوگما، مەنىسىز بولغاچقا، ئۇزۇندىن بېرى ھەدىس تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان. نوپۇزلۇق ئۇستاز ئەل غەززالى (1058 - 1111) ئۇلارغا تۈزىتىش بەرگەندىن كېيىن، ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائە تەرىپىدىن ئەنئەنىۋى ئېتىقاد دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئەل غەززالى بىر تەرەپتىن، دىنىي تەجرىبىلەرنى مۇتەكەللىمىنىڭ ئاساسى قىلىپ، كرىزس ئىچىدە قالغان ئەشئەرىيىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمەتنىڭ بېسىشىغا ئۇچرىغان تەسەۋۋۇپچىلىقنى ئېتىقاد سېستىمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئەل ئېتىقادى بىلەن ھۆكۈمەت ئېتىقادى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتتى.
سۈننىي مەزھىپى تەرەققىي قىلىش جەريانىدا سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن دىنىي ئەقىدە ئىدىيە سىستېمىسى بۇ مەزھەپنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) سىياسىي تەلىمات. ئابباسىيلار سۇلالىسىدىن بۇيانقى فەقىھلەر ۋە ئۆلىمالار بۇرۇن ئۆتكەن <تۆت خەلىپە دەۋرى> (632 -661) دىكى تارىخىي تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، رېئال ئەھۋالغا ماسلاشتۇرۇپ خېلى سىستېمىلىق بىر يۈرۈش نەزەرىيىۋى تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەلىماتلار ئىسلام دىنى بىلەن سىياسىي تۈزۈم، دۆلەت تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي تۈزۈم، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە چېتىلدى. بۇنىڭدا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىسلام دىنى ئېتىراپ قىلغان بىردىنبىر قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈم ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن خەلىپە تۈزۈمى بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاغا مەنسۇپ، مۇقەددەس شەرىئەت ئالىي پرىنسىپ بولىدۇ؛ خەلىپە دۆلىتى ئىسلام روھىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىشىپ قۇرۇلغان ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ بىر خىل ئورتاق گەۋدىسى (ئۇممە) بولۇپ، خەلقنىڭ رايىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەلگە ئاتىدارچىلىق قىلىش، چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداشنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي - مەنپەئىتىنى قوغداشنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىلىدۇ؛ دۆلەت باشلىقى خەلىپە دېموكراتىك يول بىلەن كۆرسىتىلىدۇ ياكى كېڭىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. مۇتلەق ھوقۇق ئىگىسى ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋاكالەتچىسى بولۇپ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك، يۇقىرى ئىناۋەتلىك، ئادالەتتە چىڭ تۇرىدىغان، تەقۋادار، بىلىملىك مۇسۇلمان سايلىنىش لاياقىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلام دىنىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولىدۇ. خەلقنىڭ خەلىپىگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، ئەسكەر توپلاپ غەليان كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ. (2) ئاساسىي دىنىي ئەقىدە <ئالتە ئىمان> دېيىلىدۇ. ئاللانىڭ بىردىنبىر پەرۋەدىگار ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىدۇ (ئاللاغا ئىمان ئېيتىدۇ)؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىدۇ. (پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىدۇ)؛ <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئاللا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىدۇ (<قۇرئان كەرىم> گە ئىمان ئېيتىدۇ)؛ ئالەمدىكى ھەممە ئىشلارنى ئاللانىڭ تەقدىرىگە پۈتۈۋەتكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىدۇ (تەقدىرگە ئىمان ئېيتىدۇ)؛ <ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىدۇ> غانلىقىغا ۋە <قىيامەت سورىقى> غا ئىمان ئېيتىدۇ (قىيامەتكە ياكى ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىدۇ). بۇلاردىن باشقا، ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان ئېتىقاد تۈزۈملىرى بولۇپ، ئۇلار <بەش پەرز> (كەلىمە شاھادەت ئېيتماق، ناماز ئوقۇماق، زاكات بەرمەك، روزا تۇتماق، ھەج قىلماق) تىن ئىبارەت. (3) شەرىئەت ئىدىيىسى. ئۇسۇل ئەل فىقىھىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئىلمىي فىقھەدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار <قۇرئان كەرىم> نى، ھەدىسنى، ئىجمائنى، قىياسنى ئۇسۇل ئەل فىقھ ياكى ئۇسۇل فىقھەنىڭ تۆت ئاساسى قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. ئىجما ۋە قىياس ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ بىرەر ئىشنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقىنى، توغرا ياكى ناتوغرىلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ئىشنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر قۇرئان ۋە ھەدىستە ئەمەل قىلىدىغان مىساللار بولمىسا، قانۇننى ئىزاھلايدىغان ئايەت، ھەدىسلەرگە ياكى بۇرۇنقى ھۆكۈملەرگە ئاساسەن، يەكۈن چىقارسا، كۆپ ساندىكى فەقىھلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئەمەل قىلىنىدىغان قانۇن قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىھاد، ئىستىھاد، ئىستىسلاھ قاتارلىق قوشۇمچە ئۇسۇل ئەل فىقھىلىرىنىمۇ ئايرىم ئەھلى فىقھەلەر ئېتىراپ قىلىپ شەرىئەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئىلمىي فىقھە تەلىمات جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بۇرۇنقى تۆت ئىمامنىڭ ئەسەرلىرىنى، كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ شەرھلىرىنى ۋە نوپۇزلۇق فەقىھلەر ئېلان قىلغان رەسمىي پەتىۋالارنى ئاساس قىلىدۇ. تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىنىڭ تەلىماتى ئەھلى سۈننەت بولۇپ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. فىقھە ئىدىيىسى جانلىق، ئۆزگىرىشچان، كەڭ قورساق، بولۇپمۇ ئۆز ئېقىمىنىڭ ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. بىدئەتلىككە قارشى تۇرىدۇ. يېقىنقى زاماندىن بۇيان ھازىرقى زامان قانۇن - تۈزۈم ئىسلاھات دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، سىرتتىن كەلگەن قانۇنلارنى قوبۇل قىلىش خاھىشى شەرىئەت نەزەرىيىسىنى، قانۇن گەۋدىلىرىنى ۋە ئەدلىيە تۈزۈمىنى تۈزىتىشنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شەرىئەت ئاساس قىلىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىن
ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپنىڭ بىرى. قۇرئان بىلەن بىرگە سۈننەت ئەقىدىلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز ئىچىدىن ھەنەفى، مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى دېگەن تۆت كىچىك مەزھەپكە بۆلۈنىدۇ.