Uyghur主要词典
سۈننىي مەزھىپىنىڭ مىراس توغرىسىدىكى ئەھكاملىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا سۈننىي مەزھىپىنىڭ مىراسخورلۇق قانۇنى توغرىسىدىكى شەرىئەت بەلگىلىمىلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنبەسىنى ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن بۇرۇنقى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئەرلەر ئۇرۇقداشلىق ۋارىسلىق تۈزۈمىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. مەدىنىدىك مۇسۇلمانلار ئۇممەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس ھۆكۈملىرى مىراس تەقسىم قىلىشنىڭ ئاساسى بولدى. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى خەلىپىلەر ۋە كېيىنكى ھۆكۈمرانلار مىراسقا دائىر تالاش - تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى. Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، فەقىھلەر رەتلەش، يىغىنچاقلاش ئارقىلىق خېلى سىستېمىلىق فىقھە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى زاماندا بۇ سىستېمىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ھازىرغىچە تەتبىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: (1) مىراسنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ باشلىنىش ۋاقتى؛ (2) ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش، ۋەسىيەت قالدۇرۇش، مىراس ھوقۇقىنىڭ ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىنىش، ۋەسىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ دائىرىسى، ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ھوقۇقى، ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىلەر قاتارلىقلار؛ (3) شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىس (شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلارنىڭ دائىرىسى، نېسىۋىسى، ۋارىسلىق قىلىش تەرتىپى، مىراسنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، چىقىرىۋېتىش پرىنسىپلىرى، ئاتا - ئانا ئورنىدا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىقلار)؛ (4) ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ۋە مەھرۇم قىلىنىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر.
ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى مۇنداق بولىدۇ: (1) ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدىغان مىراس ھەممە ساپ مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسمى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىنىشى لازىم. (2) ئالدى بىلەن شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن نېسىۋىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قاندۇرۇش، ئاتا جەمەت ۋارىسلار <قالدۇق نېسىۋە> (ئەمەلىيەتتە مىراسنىڭ كۆپ قىسمى) نى تەقسىم قىلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى لازىم؛ (3) ئوخشاش تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى خوتۇن كىشى ئالىدىغان نېسىۋىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان نېسىۋىنى ئەر كىشى ئالىدۇ. كونا قانداشلىق مۇناسىۋەت ئاساسىدىكى ئاتا جەمەت ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىلەن <قۇرئان كەرىم> دە ھەدىس ئاساس قىلىنغان شەرىئەتنىڭ ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، ھەم ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئورنى شەرىئەت بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ، ھەم ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ئەنئەنىسى سۈننەت بويىچە ساقلاپ قېلىنىدۇ، ھەم ئاتا جەمەت ۋارىسلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۈستۈن تۇرىدىغان ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، ھەم بۇرۇن ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئانا جەمەت تۇغقانلارغا ۋە ئاتا جەمەت تۇغقانلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ.