Uyghur主要词典
سۈننەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق يىل داۋامىدا ئۆگىنىپ، كۆنۈپ قالغان تەرتىپ، قىلىق، خۇي.
ئاغرىق قالار، ئادەت قالماس. ئادەت قېرىساڭمۇ كەتمەس، يۇساڭمۇ تۈگىمەس. زامان باشقا، قائىدە قاچان بولسا لازىم. ھەر يەرنىڭ ئۆز يوسۇنى بار. قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان ئۆيگە ئايالىڭنى ئاپارما. رىمغا بارساڭ، رىمنىڭ رەسىمىنى ئۆگەن. رەسىم - يوسۇن ئەخلاققا ياتىدۇ. ئوغۇل بالىنى خەتنە قىلماق _ سۈننەت.
بىئولوگىيە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەل - ئىبادەتلىرىنى تەقلىد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ھەرىكەت>، <يول> بولۇپ، كەڭ دائىرىدە ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز ئوخشىمىغان كۆپ مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. (1) سۈننەتى رەسۇل. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىش جەريانىدىكى ھەرخىل ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن يۈرۈش - تۈرۈشلىرى، ئىش قىلىش ئۇسۇلى، چوڭ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ۋە نەق ئىش ئۈستىدە چەكلىمىگەن، كۆڭلىدە رازىلىق بەردى، دەپ قارالغان ھەرىكەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (2) ساھابىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ <سۈننەتى رەسۇلىللاھ> نى ئۈلگە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى ۋە كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەكىللەندۈرگەن ھەرىكەت مىزانى ياكى ئادەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (3) ئەل ئىچىدىكى ئادەتلەر. تۆت خەلىپە دەۋرىدە مەدىنە مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (4) بەلگىلەنگەن فىقھە تەلىماتلىرى. دەسلەپكى چاغلاردىكى فىقھە ئىلمىي ئېقىملىرى شەكىللىنىش داۋامىدا جايلاردىكى زور كۆپ سانلىق فەقىھلەر ئېتىراپ قىلغان تەلىمات، ھۆكۈم، پرىنسىپ، بەلگىلىمىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (5) نەمۇنە بولىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر، مەسىلەن، ئىمام شافىئىيدىن كېيىنكى فىقھە ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئەمەللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يازما خاتىرىسى بارلىرى شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئاساسي قىلىنىدۇ، يەنى <پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى> بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> ئىسلامىيەتنىڭ شەرئى ھۆكۈملىرىنىڭ ئىككىنچىسى، يەنى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىگەن، قىلغان ۋە باشقىلار تەرىپىدىن سۆزلەنگەن، قىلىنغاندا مۇھەممەت پەيغەمبەر مەنئى قىلماي سۈكۈت قىلغان ئىشلار ھەم شۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلاردا ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىشلار ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادەتلەر.
مۇسۇلمانلاردىكى ئوغۇل بالىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈش ئادىتى.
قىزلارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
يول، ئادەت، ئۇدۇم ياكى سۈننەت قىلىنغانغا ئوخشاپ تۇغۇلغان بالا.