Uyghur主要词典
سۈننەتكە لايىق ياخشى تالاق
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ <ئەنئەنىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەشەببۇس قىلىنىدىغان تالاق> بولۇپ، <يېنىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە ئەر كىشى خوتۇنى ھېيىزسىز مەزگىلدە بىر قېتىم تالاق دېسە ھەمدە ئۇدا ئۈچ ئاي خوتۇنى بىلەن بىللە بولمىسا، خوتۇنىنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ. ئىددەت مەزگىلىدە ئەر كىشى پەيلىدىن يېنىپ يارىشىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق شەكىل شەرىئەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلگەچكە <ياخشى تالاق> دېيىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。