Uyghur主要词典
سۈننەتكە لايىق بولمايدىغان تالاق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <ئەنئەنىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، لېكىن تەشەببۇس قىلىنمايدىغان تالاق> دېگەنلىك بولىدۇ. <يېنىۋېلىشقا بولمايدىغان تالاق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش شەكىللىرىنىڭ بىرى. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، خوتۇن ھېيىزسىز مەزگىلدە ئەر كىشى بىر قېتىم تالاق دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايدا ئۇدا ئىككى قېتىم تالاق دېسە، ئاخىرقى قېتىم تالاق دېگەندە نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان خوتۇن كىشى ئىددەت مۇددىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش لازىم. ئەر كىشىنىڭ قارارنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەر يېنىشىۋالماقچى بولسا، خوتۇن باشقا ئەرگە تېگىپ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن يېنىشىۋالسا بولىدۇ.