Uyghur主要词典
سوزماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تارتىپ، ئۇرۇپ، بېسىپ، مىجىپ، قىزدۇرۇپ ياكى باشقا بىرەر يول بىلەن ئۇزۇن ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۇزۇن قىلماق، ئۇزارتماق.
خېمىرنى سوزماق. تۆمۈرنى سوزماق. رېزىنكىنى سوزماق.
ئاچماق، ياپماق، كەرمەك، ئۇزارتماق.
پۇت - قولىنى سوزماق.
ئۆسمەك، ئېگىزلىمەك.
كۆككە بوي سوزغان كۆركەم تاغلىرىڭ، مەيلىمنى تارتتى گۈزەل باغلىرىڭ.
كۆچمە. ئارقىغا سۈرمەك، كېچىكتۈرمەك، كەينىگە تارتماق.
قەرزنى سوزماق.
ئادەتتىكىدىن ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلماق (تاۋۇش ھەققىدە).
شۇ ئەسنادا، مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن قۇربان پادىچىنىڭ ئۈنىنى سوزۇپ <ھەيدە!> دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
كۆچمە. دەۋەرمەك، ئۇزارتماق، كۆپەيتمەك (گەپ - سۆز ھەققىدە).
مېنىڭ بۇ يەردە گەپنى سوزۇپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. رەگەتكە.