سوزماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تارتىپ، ئۇرۇپ، بېسىپ، مىجىپ، قىزدۇرۇپ ياكى باشقا بىرەر يول بىلەن ئۇزۇن ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۇزۇن قىلماق، ئۇزارتماق:[مىسال:] خېمىرنى سوزماق. تۆمۈرنى سوزماق. رېزىنكىنى سوزماق.[يەشمىسى:] ② ئاچماق، يايماق، كەرمەك، ئۇزارتماق:[مىسال:] پۇت-قولىنى سوزماق.[يەشمىسى:] ③ ئۆسمەك، ئېگىزلىمەك:[مىسال:] كۆككە بوي سوزغان كۆركەم تاغلىرىڭ، مەيلىمنى تارتتى گۈزەل باغلىرىىڭ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارقىغا سۈرمەك، كېچىكتۈرمەك، كەينىگە تارتماق:[مىسال:] قەرزنى سوزماق.[يەشمىسى:] ⑤ ئادەتتىكىدىن ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلماق (تاۋۇش ھەققىدە):[مىسال:] شۇ ئەسنادا، مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن قۇربان پادىچىنىڭ ئۈنىنى سوزۇپ «ھەيدە» دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەۋەرمەك، ئۇزارتماق، كۆپەيتمەك (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] مېنىڭ بۇ يەردە گەپنى سوزۇپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق.