Uyghur主要词典
سورىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر تەلەپ بىلەن ئىلتىماس قىلماق.
سوراپ - سوراپ بولار دانىشمەن. ھەر ئارزۇغا يېتىدۇ جەزمەن. بىلىم لازىم بولسا سورا. ئۆزىنى سورىغان قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ. خەقتىن ئۆتۈنگۈچە، يەردىن ئۆتۈن. كۆكتىن تىلىگىنىمنى يەردىن تاپتىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋدىن بىرەر نەرسە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىپ، تىلەنمەك.
ئۆتۈنگەندىن ئۈمىد يوق. خەقتىن ئۆتۈنگۈچە، ئۆزەڭ ئىشلەپ تاپ. بەرگەن باتۇر ئەمەس. سورىغان باتۇر. ئالغاننىڭ راھىتى سورىغاننىڭ دەرىگە يەتمەس. كۈن يۇلتۇزدىن يورۇق سورىماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەھۋال ئىگىلەش، بىلىش مەقسىتىدە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلماق؛ سوئال بەرمەك.
ئادرىسىنى سورىماق. ئەھۋالىنى سورىماق.
مەسلىھەتىنى ياكى پىكىرىنى ئالماق، پىكىرلەشمەك.
ئۇ ھېچكىمدىن سوراپ ئولتۇرماي، ئۆزى يالغۇز يولغا چىقتى.
بىرەر ئىلتىماس ياكى تەلەپ بىلەن مۇراجىئەت قىلماق؛ ئۆتۈنمەك؛ تەلەپ قىلماق.
رۇخسەت سورىماق.
سودا - سېتىقتا مالنىڭ نەرخىگە باھا قويماق.
بازاردا گىلەمنى قانچىغا سورىدى؟
ھاكىملىق، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ئىدارە قىلماق، باشقۇرماق.
يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سورىماق.