Uyghur主要词典
سورىياۋارمان
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1150) چېنلا ئاڭكور پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (1131 - 1150). ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، 1116 - يىلىدىن باشلاپ جۇوڭگو بىلەن ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇناسىۋەت ئورناتقان. قوشنىسى ۋيېتنامغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. 1128 - يىلى ساۋانناكىت (ھازىرقى لائۇسقا تەۋە) ئارقىلىق نىگىئەنگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ مەغلۇپ بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە فلوتىنى ئەۋەتىپ ھۇجۇم قىلىپ،نەتىجە چىقمىغان. 1145 - يىلى كامپاپۇرانىڭ مەركىزىي ۋىجايا (ھازىرقى ۋيېتنامنىڭ پىڭدىڭ)نى بېسىۋالغان. 1149 - يىلى كامپاپۇرا بەگلىكى ئەسلىگە كەلگەن. ئىككىنچى يىلى يەنە بىرقېتىم ئەسكەر تارتىپ تاجاۋۇز قىلىماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئۆلگەن. ۋىشنۇزم دىنىغا چوقۇنغان. بىناكارلىق ئىشلىرىغا ھەۋەس قىلغان. ئۇ، بەرپا قىلغان باندىچما ئىبادەتخانىسى بىلەن ئاڭكور ئۆڭكۈرلىرى كامبۇدژانىڭ داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.