سورۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوۋاق ياكى دانە-دانە نەرسىلەرنى يۇقىرىغا قارىتىپ ئاتماق، چاچماق:[مىسال:] ئوت كۆيدۈرۈپ قورۇيدۇ، شامال چېچىپ سورۇيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۇزۇپ چاچماق، ۋەيران قىلماق؛ يوقاتماق:[مىسال:] ئۇنىڭ پېشانە تەرى بىلەن تاپقان پۇللىرىنى بالىلىرى سورۇۋەتكەنىدى.