Uyghur主要词典
رىئودې ژانېيرو
بىئولوگىيە
برازىلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گۇئانابارا قولتۇق بويىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەرنىڭ مەيدانى 730 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 10 مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). رىئودې ژانېيرو شەھىرى 1565 - يىلىدىن باشلاپ سېلىنغان. 1763 - يىلى برازىلىيىنىڭ مەركىزى بولغان. 1834 - يىلىدىن 1960 - يىلىغىچە برازىلىيىنىڭ پايتەختى بولغان. رىئودې ژنېيرو برازىليىنىڭ پايتەختى بولغان. رىئودې ژانېيرو برازىلىيىنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق، خىمىيە، پولات - تۆمۈر، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، نەشرىياتچىلىق، ماشىنىسازلىق، نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە سان پاۋلو شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەردە چوڭ بانكىلار، مونوپول تەشكىلاتلارنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەت بويىچە مەشھۇر مۇزېيلار، كۇتۇپخانىلار، ئاتاقلىق باغچىلار، ساياھەت ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. ررىئودې ژانېيرو برازىلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، برازىلىيىدىن ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى شۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ جايغا غايەت چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توختىيالايدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق كوفى، شېكەر، تېرە، تۆمۈر، مارگانېتس رۇدىلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ، يېقىلغۇ، ماشىنا، مېتالچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەر قاسى شەھەرلىرىگە سۇزۇلغان تۆمۈريول، تاشيوللار بار. رىئودې ژانېيرو شەھىرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.8 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.