Uyghur主要词典
رۇەن يۇ
دۇنيا تارىخى
(1380 - 1442) ۋېيتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب ۋەسىياسىئون. تەخەللۇسى يى زەي، شىڭلۇڭ (ھازىرقى خانۇي) لۇق. دايۈدە ئەمەل تۇتقان. كېيىن لەنشيەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. لى لىنىڭ جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، كېيىنكى لى سۇلالىسىنى قۇرغان. لى سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلۇغ بەگ بولۇپ، مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويۇلغان. لېكىن كېيىنكى چاغلاردا ھوقۇپەرەس ۋەزىرلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋە زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈنشەن تېغىغا (ھازىرقى خەيشىڭنىڭ جىلىڭ دېگەن يېرىدە) بېرىپ تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشىغان. 1442-يىلى ئۆزىنىڭ دېدىكى رۇەن شىلۇ ئارقىلىق لى تەيزۇڭنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن دېگەن سۆز - چۆچەك بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە بۇنىڭغا ئۈچ جەمەت پۇشتىمۇ چېتىلغان. ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئەلگە تونۇلغان. ئۇنىڭ <بېزەي مىراسلىرى توپلىمى> ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى بار. مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن: <پىڭۋۇدا خاۋە>، <ئائىلە تەنبىيە ناخشىسى>، <ئەل - يۇرت تەزكىرىسى> قاتارلىقلار بار بولۇپ، ۋيېتنام مىللىي ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.