Uyghur主要词典
رۇەن ۋېنخۇي
دۇنيا تارىخى
يەنە بىر ئىسمى رۇەن خۇي، ۋيېتنام شىشەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيىلىرىنىڭ بىرى. شىشەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1788 - 1792)، 1771-يىلى ئۇ ئاكىسى رۇەن ۋېنيۆ، ئىنىسى رۇەن ۋېنلۇي بىلەن بىرلىكتە شىشەن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ جەنۇبىي رۇەن، شىمالىي جىڭ فېئودال تەپرىقىچى گۇرۇھلىرى ۋە چەت ئەل مۇداخىلىچى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش، لى سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇشتىكى ھەربىي پائالىيەتلەردە زور رول ئوينىغان. 1778-يىلى رۇەن ۋېنيۆ تەىرپىدىن ئەجدىھا باشلىقى سەركەردە دەپ نام بېرىلگەن. 1787-يىلى شىمالىي ئاسايىش بەگ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن رۇەن ۋېنيۆ بىلەن بولغان ئىچكى توقۇنۇشتا، 1788-يىلى ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، يىلنامىسىنى گۇاڭجۇڭ دەپ بەلگىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن رۇەن گۇڭاڭجۇڭ ياكى گۇاڭجۇڭ پادىشاھ دەپ ئاتالغان. ئۇ جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسىدىن ئۆزىنى ئاننام پادىشاھى قىلىپ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى چاغلاردا دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان بىر قىسىم سىياسىي، ئىقتىسادىي تەبىرلەرنى قوللانغان، كېيىن ئۆزگىرىپ، يېڭى فېئودال ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى گۇاڭزەن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.