Uyghur主要词典
رىبات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول - سەپەردە چۈشۈپ ئۆتىدىغان، قونىدىغان يەر.
ماكانىدىن ئايرىلغانغا يەتتە يىل قونالغۇ يوق. ئات ئورۇق، مەنزىل يىراق. تاش ئۆتەڭدە بىر كۈن قوندۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېھمانلار يولۇچىلار كۈتۈۋېلىنىدىغان قونالغۇ جاي.
<مېھمانخانا> ئۆي - جاھازلىرى تولۇقراق ۋە ياخشىراق، زامانىۋى كۈتۈش ئۆيلىرىگە قارىتىلغان.
ئائىلىدە مېھمان كۈتۈشكە تەييارلانغان ئۆيمۇ مېھمانخانا دېيىلىدۇ.
<ساراي> ئۆي - جاھازلىرى ئاددىيراق، كۆپىنچە سو
كوئىنلۇن مېھمانخانىسى ھازىر <ئىككى يۇلتۇزلۇق> مېھمانخانا دەپ بېكىتىلگەن. تەڭرىتاغ سارىيى مېھمانلارنى ياخشى كۈتىدۇ. ئاقسۇدىن كېلىۋېتىپ، <تاش دەڭ> گە چۈشۈپ ئۆتتۇق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «زاھىدلارنىڭ ئۆيى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تەخمىنەن ⅩⅢ ئەسىردە مەغرىب (بۈگۈنكى ئالجىرىيە، تۇنىس، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر) دە رىباتلار پەيدا بولدى، ئادەتتە رىباتلارنىڭ ھەر بىرىدە ئەۋلىيا دەپ قارالغان بىرەيلەن ياكى تەسەۋۋۇپچى زاھىد خىلۋەتچىلىكتە ياشىدى. بەزى شاگىرتلار ۋە ئىخلاس قىلغانلار ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياشاپ ۋە ئۆگىنىپ، خانىقا ياكى قەبرىگاھنى مەركەز قىلغان قۇرۇلۇشلارنى شەكىللەندۈردى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دەڭ، ساراي