Uyghur主要词典
رىبوزا
بىئولوگىيە
تەركىبىدە ئالدېگىد رادىكالى بولغان پىنتوزا بولۇپ، رىبو يادرو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭ تۇغۇندىلىرى بەزى ۋىتامىنلار بىلەن كوئېنزىملارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولىدۇ. رىبوزا تەبىئىي بىرىكمىلەردە فوران تىپلىق ھەمدە D - تىپلىق ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ. D - رىبوزىنىڭ سېلىشتۇرما نۇر بۇراش دەرىجىسى - 23.7°.