Uyghur主要词典
رىبول
دۇنيا تارىخى
چېخ ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىلرىنىڭ مەخپىي مىللىي تەشكىلاتى. 1846-يىلى پراگادا قۇرۇلغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتىزمچىسى كالېر - سابېنا، ئىمانورئ ارنولدۋىنسلاۋ ۋاخلا قاتارلىق كىشىلەر. بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى رادىكال ئۇششاق بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. فېئودال مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلىپ، كاتولىك دىنى بىلە بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 1848-يىلى 6-ئايدا پراگا ئىشچىلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1849-يىلى 5-ئايدا، پراگادا يەنە بىر نۆۋەت قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلغان، ئىش ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، نەتىجە قازىنالمىغان. قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرى ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىل دائىلىرىنىڭ ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، تەشكىلات نابۇت قىلىنغان.