Uyghur主要词典
قەرمەتىيلەر سۇلالسىى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(894 - 1077) شىئە مەزھىپىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى قەرمەتىيلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونىدا قۇردى. قەرمەتىيلارنىڭ باشلىقى ھەمدان قەرمەتىنىڭ دائىسى ئەبۇسەئىد ھەسەن (؟ 913) بەھرەيىندە 894 - يىلى قەرمەتىيە مەزھىپىنى قۇردى. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرى قەرمەتىيلار سۈرىيىنىڭ قۇملۇق رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 906 - يىلى باستۇرۇۋېتىلدى. ئۇلار بەھرەيىننى پائالىيەت مەركىزى قىلدى. دۆلەت ئىشلىرىنى مۆتىۋەللىلەر يىغىنى قارار قىلدى. مال - مۈلۈككە جامائەت ئىگىدارچىلىق قىلدى. نېگىرلارنى ئىشلەتتى. باج كىرىمىنى دۆلەت ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلدى. ئۇلار كۇفە، ئومانلارنى فەتھى قىلىپ، مەككىگە ھەج قىلىشقا ماڭغانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى ھەمدە 299 - يىلى مەككىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، كەبىدىكى ھەجەرۇل ئەسۋەدنى بولاپ كەتتى، 20 يىلدىن كېيىن، فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەنسۇر (946 - يىلىدىن 953 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەلىپى بىلەن قايتۇرۇپ بەردى. پادىشاھلىققا پادىشاھ ئەۋلادى ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مۆتىۋەللىلەر ئۇيۇشمىسى داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلدى. قەرمەتىيلارنىڭ ئەقىدىسى بەھرەيىندە 200 - 300 يىل داۋاملاشتى.