Uyghur主要词典
قەرمەتىيلەر ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ ئەرەب فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىجتىمائىي ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇرلىدۇ. بۇ ھەرىكەت Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھازىرقى ئىراق رايونىدىن باشلاندى. دېھقانلاردىن كېلىپ چىققان دائى ھەمدان قەرمەت 890 - يىلى ۋاسىتتا (ھازىرقى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە) يەرلىك ھۆكۈمرانلارغا قارشى قوزغىلىشقا رەھبەرلىك قىلدى. بۇ قوزغىلاڭغا دېھقانلار، كاسىپلار، قۇللار پائال قاتناشتى، ئۇلار خەلىپە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، يېقىن رايونلارنى ئىشغال قىلىپ، سۈرىيىگە كىردى ھەمدە تەدرىجىي ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كېڭەيدى. 899 - يىلى ئەبۇ سەئىد ھەسەن جەننەبى (؟ - 913) نىڭ رەھبەرلىكىدە بەھرەين رايونىنى قولغا ئېلىپ خاسانى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت قۇردى. بۇ ھاكىمىيەت تارىختا <قەرمەتىيىلەر سۇلالىسى> (894 - 1077) دەپ ئاتالدى. بۇ ھاكىمىيەتنڭ كۈچى پرسىيە (بۈگۈنكى ئىران)، سۈرىيە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيدى. بەھرەيندە ئىپتىدائىي ئومۇم مۈلۈكچىلىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. مۈلۈككە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىش، كەڭ قورساق، باراۋەر بولۇش تەكىتلەندى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەھمىيەت بېرىلدى؛ ئاھالىنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، باج - سىيلىق يېنىكلىتىلدى، يوقسۇللارغا مەدەت بېرىلدى، مەھدى ئەقىدىسى قوبۇل قىلىندى، شەرىئەتكە ۋە دىنىي قائىدىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى؛ سىياسىي جەھەتتە فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئېتىراپ قىلىنىپ، سۈننىي مەزھىپىدىكى ھۆكۈمرانلارغا قارشى تۇرۇلدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەقىدە ئىدىيىسى ۋە ئىجتىمائىي تەشەببۇسى فاتىمىيە سۇلالىسىدىكى شىئە مەزھىپىگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسمائىلىيە، دروزىيە مەزھىپى قاتارلىقلارغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.