Uyghur主要词典
قەرزگە ئىشلەپ بېرىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەردە قەرز ئىگىسىنڭ قەرزدار ياللانما ئىشچىلارغا قارىتا قوللانغان بىرخىل مەجبۇرىي ئەمگەك قىلدۇرۇش تۈزۈمى، ئاساسەن، مېكسىكا، گۇاتېمالا، ئېكۋاتور، پېرو قاتارلىق جايلاردا ئەۋج ئالغان. بۇ تۈزۈمگە ئاساسەن، خوجايندىن پۇل ياكى ماددىي نەرسىلەرنى قەرز ئېلىپ، قايتۇرۇش ئىقىتدارى بولمىغان ئىندىئانلار بىلەن ئارىلاشما قانلىقلار ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئەمگەك قىلىپ بېرىشنى ئۈسىتگە ئېلىشىغا مەجبور بولغان. ئۇلار ئادەتتە قەرز تۆلەشكە ئامالسىز قېلىپ، ئۆمۈرۋايەتلىك قەرزدار بولۇپ، يەرگە باغلىنىپ، ئەمگەك قىلىپ بېرىدىغان، ئەمەلىيەتتىكى قۇللارغا ئايلانغان. بۇ تۈزۈم ياللانما ئەمگەك شەكلىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىرخىل شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرىدىن ئىبارەت. 18 - ئەسىردە كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇ كۈنسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن. 19 - ئەسىردە ئىقتىسادىي زىرائەت ئېكىنزارلىقىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، داۋاملىق ئەۋج ئالغان. بەزى جايلاردا ياكى ⅩⅩ ئەسىرگىچە ساقلىنىپ كەلگەن.