Uyghur主要词典
قەرمەتە مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارماق مەزھەپلىرىدىن بىرى. قەرمەتە مەزھىپى، قەرمەتىيەلەر ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى بەسرەدىكى زەڭگى قۇللار قوزغىلىڭى داۋامىدا ئىسمائىلىيە مەزھىپىدىكى بەزى مەخپىي تەبلىغات تەشكىللىرىدىن تەدرىجىي شەكىللەنگەن. بۇ مەزھەپكە ھەمدان قەرمەت (؟ - 899) ئاساس سالغان. ھەمدان قەرمەت ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ دىنىي پەلسەپىسىگە ئاساس سالغۇچى ئەبۇ ئابدۇللا بىننى مەيمۇننىڭ شاگىرتى بولۇپ، بەسرەدە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مەخپىي تەرغىبات ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ (كېيىن سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى سەلەىمىيەگە كۆچۈپ كەتكەن)، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ دائىسى بولغان. 874 - يىلى ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەمدان قەرمەت بۇ ئويۇشمىنىڭ ئىراقتىكى رەھبىرى بولۇپ، كۇفە رايونىدا ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى تارقىتىشنى باشلىغان. كۇفەدە <مۇھاجىرلار ئائىلىسى> قۇرۇپ، ئۇنى تەبلىغات باش ئىشتابى قىلىپ، جايلارغا دائىلانى ئەۋەتىپ، دېھقانلار ۋە كاسىپلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى ۋە تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، سۈرىيىنىڭ سەلەيمىيە باش ئىشتابىدىكى يېڭى داھىي سەييىد ئىبنى مەئمۇن (؟ - 934) نىڭ رەھبەرلىكىدىن تەدرىجىي ئايرىلىپ، نىسپىي مۇستەقىل قەرمەتىيە ھەرىكىتى بولۇپ راۋاجلاندى. ھەمدان قەرمەت غايىب يەتتىنچى ئىمامنىڭ پات ئارىدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بايلىققا جامائەت ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدىغان ياخشى جەمئىيەت قۇرۇشقا چاقىرىپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جىھاد ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىشكە چاقىردى. ئەگەشكۈچىلىرى كۆپەيدى. ھەمدان قەرمەت ئادەم ئەۋەتكەن ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ۋاست رايونىدا 890 - يىلى قوزغىڭلاڭ كۆتۈرۈلدى. كەڭ دېھقانلار، قۇللار، بەدەۋىيلەر قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شىمالدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئىگىلىۋالدى. كېيىن ھەمدان قەرمەت ئەۋەتكەن دائىلارنىڭ كۈچى تەدرىجىي كېڭىيىپ، سۈرىيە، ئەرەب يېرىم ئارىلى، پرسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى رايونلارغا يەتتى. تەخمىنەن 899 - يىلى (بەزىلەر 902 - يىلى دەيدۇ) ھەمدان قەرمەت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىكىنى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ۋە ئەھمەدلەر ئۈستىگە ئالدى ھەمدە ئىراق، سۈرىيە، پرسىيە قاتارلىق جايلاردىكى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان دائىلارنى ئەۋەتتى. ھەمدان قەرمەتنىڭ ياردەمچىسى دائى ئەبۇ سەييىد جەننابى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بەھرەين رايونىدا <قەرمەتىيەلەر دۆلىتى> قۇرۇپ، ئەھسا (ھازىرقى خۇفۇف) نى پايتەخت قىلدى. 903 - يىلى يەمامەنى بويسۇندۇرۇپ، ئوممانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئەبۇ سەييىدنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ئەبۇ تاھىر سۇلەيمان ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرنى دەپسەندە قىلىپ، قاتناشقا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەج قىلغان ھاجىلارنى بۇلىدى. 930 - يىلى ھەج ئېيىدىن پايدىلىنىپ، ئەبۇ تاشىر ئەسكەر ئەۋەتىپ مەككىنى ئىشغال قىلىپ، كەبىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك ئاسار ئەتىقىلەرنى بۇلاپ كەتتى. ھەجەرۇل ئەسۋەدنى بەھرەيىنغا ئاپىرىۋالدى. فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەنسۇرنىڭ تەلەپ قلىشى بىلەن 950 - يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسى ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ئەسلىي ئورنىغا ئەكىلىپ قويدى.
قەرمەتىيلەر دۆلىتى (899 - 1077) دىنىي ھەربىي گۇرۇھ بولۇپ، بۇ مەزھەپنىڭ باشلىقى ئىمام دەپ ئاتىلىپ، دىنىي، مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىشلارنىڭ ئالىي داھىيلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئالتە نەپەر ياردەمچىدىن سىياسىي ئىشلار ھەيئىتى قۇرۇپ رەھبەرلىك قىلدى. ھۆكۈمەت 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ۋە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئافرىقىلىق قۇلنى ئىدارە قىلدى. دۆلەت قۇللارنىڭ ئەمگىكى ئاساسىدا، مەزھەپتىكى ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ۋە بايلىققا جامائەت ئىگىدارچىلىق قىلىشنى يولغا قويدى. ئاھالە باج تۆلىمىدى. يوقسۇللارغا دۆلەت ياردەم قىلدى. مەزھەپكە مەخپىي قوبۇل قىلىش مۇراسىمىنى يولغا قويۇپ، قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ كۆرۈپ، ئاندىن قەسەم بېرىپ كىرىشىگە يول قويدى. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغانلار ۋەھىي ۋە فىقھەنىڭ باتىن مەنىسىنى ئۆگەندى. ئەزالار يەتتە دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ئىمامغا شەرتسىز بويسۇنۇشى بەلگىلەندى. سۈننىي مەزھىپىدىكى ۋە ئۆزىنىڭكىدىن باشقا مەزھەپلەردىكى مۇسۇلمانلار <بىدئەتلەر> دەپ قارىلىپ، بىگۇناھ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. شۇڭا تارىخشۇناسلار ئۇلارنى <ئېكسترىمىزمچىلار> (ئۇچىغا چىققانلار) دەپ ئاتىدى. بۇ دۆلەت 1077 - يىلى مۇنقەرز بولدى، لېكىن قەرمەتسىيە مەزھىپى Ⅻ ئەسىردە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن پارچىلىنىپ، ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە سىڭىپ كەتتى.
قەرمەتىيە مەزھىپى ئەقىدە جەھەتتە ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، كۆرۈنىدىغان يەتتە ئىمام ۋە غايىب ئىمام (مەھدى) نىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى ئەقىدىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىلنى مەھدى دەپ قارايدۇ؛ ئاللا ئۆز زاتىنىڭ سىرتىدىكى ھەر قانداق بەلگە - ئالامەتكە ئىگە ئەمەس، مەۋخۇت دۇنيانى ئاللا ئېقىتىپ چىقارغان، <قۇرئان كەرىم> زاھىر ۋە باتىنغا ئايرىلىدۇ، باتىن مەنىلەرنى ئىمامنىڭ مەخپىي يەتكۈزۈشى ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.لېكىن، بۇ مەزھەپ تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ۋە باشقا دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىگە خاس ئەقىدە قاراشلىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قاراشلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئاللادىن مەۋجۇت دۇنيانىڭ ئارىلىقىغىچە ئىجادىيەت خاراكتېرلىك تەرەققىيات باسقۇچى بولغان. يەنى ئاللانىڭ ماھىيىتىدىن يۈكسەك ۋە شانلىق نۇر چېچىپ، ئالەم ئىدراكى ۋە ئالەم روھى يارىتىلدى. ئاندىن كېيىن قاراڭغۇ نۇر چېقىپ، دۇنيادىكى يەڭگىلى بولىدىغان، ئاخىر يوقىلىدىغان مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. (2) ناتىق (نەقىبە) ئىمام ۋە تەقۋادارلارنىڭ روھى قاراڭغۇ نۇر ئىچىدە چاقنىغان يۇلتۇزنىڭ نۇرىدۇ. ئۇلار ئالەمنىڭ يارىتىلىش جەريانىدىكى ھەر قايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بىلىش ئارقىلىق، ئاندىن ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئۇنتۇپ، ئاللا بىلەن بىر بولۇپ كېتىشكە يېتىپ، مەنىۋىيەتنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىك دائىرىسىگە كىرىدۇ. (3) ئىنسانلار ھەر 960 يىلدا ئېتىقادنى بىر قېتىم ئالماشتۇرىدۇ. ھەر 240 يىلدا بىر پادىشاھ ئالماشتۇرىدۇ. ھەر 20 يىلدا بىر پادىشاھ ئالماشتۇرىدۇ. ئادەملەر بەش زالىمغا، يەنى <ئاسمان> غا، <تەبىئەت> كە، <قانۇن> غا، <دۆلەت> كە ۋە <ئېھتىياج> غا قارشى تۇرۇش كېرەك. چۈنكى، <ئاسمان> كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. <تەبىئەت> ئۈمىد ۋە ئۆچمەنلىك ئاتا قىلىدۇ. <قانۇن> بۇيرۇق چىقىرىدۇ ۋە چەكلەيدۇ. <دۆلەت> كونترول قىلىش ۋە جازالاشنى يولغا قويىدۇ. <ئېھتىياج> كىشىلەرنى كونبويى ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. رېئال دۇنيادا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشى، بايلىققا جامائەت ئىگىدارچىلىق قىلىشى كېرەك. لېكىن قۇللار بۇنىڭ سىرتىدا. دىنىي قائىدە - يوسۇندا بۇ مەزھەپ شەرىئەتكە ئەمەل قىلمايدۇ، دىنىي پەرزلەرنىمۇ ئادا قىلمايدۇ. مەسچىت سالمايدۇ، كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇمايدۇ. روزا تۇتمايدۇ، ھەج قىلمايدۇ، ئۆز مەزھىپىنىڭ ئىمامىنىڭ قەبرىگاھىنى تاۋاپ قىلمايدۇ. شۇڭا سۈننىي مەزھىپى ئۇلارنى <مۇرتەدلەر> دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇ مەزھەپ تەشەببۇس قىلغان ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر بولۇشى ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى تۇرغان سىياسىي تەشەببۇسى شائىر ۋە پەيلاسوپ ئىبىن سىنا، مەيئەلى، ناسىر خىسراۋ، رىداكى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ۋە يوشۇرۇن قوللىشىغا ئىگە بولدى.