Uyghur主要词典
قاتاردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قايتۇردى، چېكىندۈردى.
ئول ئاتىغ قاتاردى _ ئۇ ئاتنى (كېتىۋاتقان تەرىپىدىن) قايتۇردى. ياغى قاتاردى _ دۈشمەننى قايتۇردى (چېكىندۈردى). باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( قاتارۇر_ قاتارماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەردى ئاشىنتاتۇرغان
ياۋلاق ياغىغ قاتارغان
بوينىن تۇتۇپ قازىرغان
باستى ئۆلۈم ئاغتارۇ
ئۇ ئېشىنى تېتىتقان (ئادەم) ئىدى،
ياۋۇز دۈشمەننى قايتۇرغان ئىدى،
بوينىنى تۇتۇپ قايرىغان ئىدى،
ئۇنى ئۆلۈم ئاغدۇرۇپ باستى (يىقىتتى).
مەرسىيىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ ئېشىنى (باشقىلارغا) تېتىتقان، دۈشمەن قوشۇنىنى قايتۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ بوينىنى قايرىغان ئەر ئىدى، ئۆلۈم ئۇنى بېسىپ يىقىتتى.
2 - 96