قاتارⅡ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ يانمۇيان ياكى ئارقىمۇئارقا جايلىشىشىدىن، تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان رەت، سەپ:[مىسال:] ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەر قاتار بولۇپ ئۆرە تۇرۇشتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىلغان، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كېلىدىغان، يانمۇيان، ئارقىمۇئارقا؛ رەتلىك:[مىسال:] كارىدورغا سۈپىتى بىر-بىرىدىن دەرىجىمۇدەرىجە پەرقلىنىدىغان قاتار ئۆيلەر جايلاشقانىدى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، تىزىلغان ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۈچ قاتار تېرەك. تۆت قاتار ئۆي. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] سانلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان رېتى:[مىسال:] سانلار قاتارى.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ يىغىندىسى. مەسىلەن، 1+[SX(]1[]2[SX)]+[SX(]1[]3[SX)]+[SX(]1[]4[SX)] …سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى1,[SX(]1[]2[SX)],[SX(]1[]3[SX)],[SX(]1[]4[SX)] … نىڭ قاتارى بولىدۇ.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئۆزئارا مەلۇم مۇناسىۋەتتە باغلانغان خىمىيىۋى بىرىكمىلەر گۇرۇپپىسى.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، تەشكىلات ۋە شۇ قاتارلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر توپى، سەپ:[مىسال:] قاتارغا ئالماق. قاتارغا قاتماق. * قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال (ماقال).⑧ [يەشمىسى:] «شۇ» سۆزىدىن كېيىن ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ «شۇنىڭ بىلەن بىرگە»، «شۇنىڭ ئىچىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭمۇ تېۋىپلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.⑨ [يەشمىسى:] «بىر» سۆزى بىلەن كېلىپ «بىر يۈرۈش»، «بىر قۇر»، «بىرقانچە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قاتار مەسىلە. بىر قاتار ئىش.