Uyghur主要词典
قاتاردىن قالما خاتادىن قال
领域: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«قاتاردىن قالما، خاتادىن قال»بۇ، ئار - نومۇسقا خىلاپ يامان ئىش - ھەرىكەتتىن ساقلىنىپ، خەلىقتىن - ئاممىدىن ئايرىلماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: - توختاڭلار، مېنىڭ سىلەرنى قۇرۇق قول ياندۇرغۇم كەلمىدى، قاتاردىن قالما، خاتادىن قال دەپتىكەن، ماۋۇنى ئالغاچ كېتىپ، داموللا ئابدۇقادىرغا مەندىن جىق سالام ئېيتىڭلار، - دېدى ھەمراھباي.