قاتارⅢ[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] قاتار دۆلىتى پارىس قولتۇقىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىدىكى قاتار يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مايدانى 11 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىر. قاتارلىقلار 1930-يىلىدىن بۇرۇن قاتاردا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئەرەبلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40تىنى تەشكىل قىلىدۇ، قالغىنىنى باشقا دۆلەتلىك ئەرەبلەر، پارىسلار، ھىندىستانلىقلار ۋە پاكىستانلىقلار تەشكىل قىلىدۇ (يەنە ئاز ساندا بىلوجىلار، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار بار). قاتارنىڭ دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. دۆلەت دىنى ئىسلام دىنى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى سۈنئىي مەزھىپىنىڭ خاۋارىجلار تائىپىسىگە، ئاز بىر قىسمى شىئە مەزھىپىگە تەۋە.[CRLF]مىلادى Ⅰ ئەسىردە، قاتارلىقلار بەھرەيىن قولتۇقىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، Ⅶ ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلېرىدا ئەرەب ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. 157-يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىپ، 1555-يىلى ئوسمان ئېمپرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 1882-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1988-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.[CRLF]قاتارنىڭ نېفىت زاپىسى مول بولۇپ، ئومۇمىي زاپىسى 500 مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، دېڭىز بويلىرىدا مەرۋايىت ۋە بېلىق كۆپ چىقىدۇ. نېفىت كىرىمى پۈتكۈل دۆلەت كىرىمىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان نېفىتنىڭ %95تى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. چارۋىچىلىقدا ئاساسىق تۆگە بېقىلىدۇ، دېھقانچىلىقىدا خۇرما ۋە كۆممەقۇناقنى ئاساس قىلىدۇ.[CRLF]ئاساسلىق شەھەرلىرى: ① دۇھا، دۆلەتنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، قاتارنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى. ② ئوم سەئىدى، قاتارنىڭ نېفىت تارقىتىش پورتى ۋە ئېغىر سانائەت مەزكىزى. ③ راسۋان، قاتارنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھىرى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېكسپورت مەركىزى.