قات Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەۋەت-قەۋەت ياكى قاتلام-قاتلام نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قەۋىتى، قاتلىمى:[مىسال:] كىتابنىڭ قېتى. يەرنىڭ قېتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتار، سەپ، ئارا:[مىسال:] ھەمكارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. قېتىمىزدا بىللە ئېلىپ كېتەيلى دېيىشتۇق. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چەت، ياقا تەرەپ، قىرغاق:[مىسال:] يولنىڭ ئىككى قېتى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلام، قەۋەتلەرگە بۆلۈنگەن، قەۋەتلىك:[مىسال:] قات بۇلۇت. قات گۈل. قات ئۆپكە.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپ، زىيادە؛ قەۋەت-قەۋەت:[مىسال:] ئۆزۈڭ كەتكىن پات يىگىت، ياشا شۇندا شات يىگىت. قېنىپ يارىڭ ۋەسلىگە، بولسۇن بەختىڭ قات يىگىت.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېشىلگەن ياكى بىرىكتۈرۈلگەن يىپ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر تېلى:[مىسال:] ئۈچ قات يىپ. ئىككى قات سىم.