Uyghur主要词典
پاسسىپ ئىممۇنىتېت
بىئولوگىيە
ئورگانىزم ئۆزى ھاسىل قىلمايدىغان تەن سىرتىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ماددا (مەسىلەن، ئانتىتېلا، ئانتىگېن ئېكىپ سەزگۈرلەشتۈرۈلگەن لىمفا ھۈجەيرىسى، لىمفا فاكتورى قاتارلىقلار) نى تەن ئىچىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن ئىگە بولىدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى. ئىممۇنىتېتلىق ماددىنى تەن ئىچىگە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ: (1) ئانتىتېلانى ئانا تېنىدىن بالا ھەمراھى ياكى ئوغۇز سۈتى ئارقىلىق ھامىلە ياكى بوۋاققا ئۆتكۈزۈپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (مەسىلەن، قىزىل، بوغما قاتارلىقلار) نىڭ كۆرەلمەسلىكى، بۇ تەبىئىي پاسسىپ ئىممۇنىتېت دەپ ئاتىلىدۇ.؛ (2) ئورگانىزمغا ئىممۇنىتېتلىق قان زەردابى (مەسىلەن، ئانتىتوكسىن قاتارلىقلار)، بالا ھەمراھى شارچە ئاقسىلى، ئايلاندۇرغۇچى فاكتور (بىر خىل لىمفا فاكتورى) قاتارلىقلارنى ئوكۇل قىلىش، بۇ سۈنئىي پاسسىپ ئىممۇنىتېت ئورگانىزمى دەرھاللا ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ. بىراق 2 - 3 ھەپتە داۋاملىشىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. ئۇ ئادەتتە داۋالاش ياكى جىددىي ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.