Uyghur主要词典
پاستېرىزاتسىيە ئۇسۇلى
بىئولوگىيە
فرانسىيىلىك ئالىم پاستېر ئىجاد قىلغان بىر خىل دېزىنفېكسىيىلەش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسەن كالا سۈتى، پىۋا قاتارلىق ئىسىققا چىدامسىز ماددىلارنى دېزىنفېكسىيىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا دېزىنفېكسىيىلىنىدىغان ماددا 63 سېلتسىيە گرادۇستا 30 مىنۇت ياكى 72 سېلتسىيە گرادۇستا 15 مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار (مەسىلەن، شاخلانغان تۇبىركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلار) نى ئۆلتۈرگىلى، دېزىنفېكسىيىلەنگەن ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە زىيان يەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ