Uyghur主要词典
پاسساۋ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى كارل Ⅴ نىڭ ۋەكىلى فېردىناند (يەنى كېيىنكى چاغلاردىكى فېرىناندا) ساكسونىيە كىنەزى مورتىس (1521 - 1553) بىلەن ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. 1552-يىلى 7-ئاينىڭ 15 كۈنى پاسساۋ (سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىسىدىكى باۋارىيە شتاتىدا) دا ئىمزالانغان. شەرتنامە بويىچە 1548-يىلى كاتولىك دىنىنىڭ دىن ئىسلاھاتىدىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولغان ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى <ئاۋگىسبۇرگ كېلىشىمى> بىكار قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ليوتېر دىنىغا ئىختىيارىي ئېتىقاد قىلىشقا ئېنىق رازىلىق بىلدۈرۈلگە. بۇ شەرتنامە 1555-يىلى <ئاۋگىسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزۈش ئۈچۈن شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.