ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بۇزۇلغان، چىرىگەن، سېسىغان.
پاسىق سۆڭەكلەر ئاستىدىن جىنلار سەكرەپ چىقتى.
كۆچمە. يامان، ئەخلاقسىز.
مەن كەچۈرگۈسىز گۇناھقا گىرىپتار بولغان پاسىق ئادەم.
پاسكىنا، ئىپلاس.
شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ پاسىق جادۇگەردىن ئۆچ ئالماقچى بوپتۇ.