Uyghur主要词典
موسكۋا خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى <سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى> 1957-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە موسكۋادا ئۆتلۈرۈزلگەن سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى ۋە شئىچىلاr پارتىيىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان. يىغىنغا ئالبانىيە، بۇلاررىيە، ۋېنگرىيە، ۋيېتنام، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، موڭغۇلىيە، پولشا، رۇمىنىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەكىللىرى ئۆمىكى قاتناشقان. خىتابنامە تۆت قىسىمغا بۆلۈنەەن، ئاساسىي مەزمۇنى: خلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تەجرىبىلىرى يەكۈنلەنگەن، ھەرقايسى ئەللەردىكى كوممۇنىستىك پارتىيىلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆكتەبر ئىنقىلابى يولىنىڭ ئومۇمىي ئەھمىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئورتاق قانۇنىيىتى يىغىنچاقلانغان، ماركسىزم - لېنىنىزملىق پارتىيىلەر ۋە سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق رىئايەق ىلىشقا تېگىشلىك مىزان بەلگىلەنگەن. خىتابنامىدە، ھازىرقى شارائىتتا، رېۋىزىئونىمز خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي خەۋپ، دەپ كۆرسىتىلەەن. 16 - 19-كۈنلىرى، 64 كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە <تىنچلىق خىتابنامىسى> ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان.