Uyghur主要词典
موغۇل ئىمپېرىىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1526 - 1858) 1526 - يىلى ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا گۈللەنگەن ئىسلام ئىمپېرىيىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <موغۇل> دېگەن <موڭغۇل> دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، ئىمپېرىيىنى قۇرغۇچى بانۇر ئۆزىنى موڭغۇل دېگەنلىكتىن، بۇ ئىمپېرىيە موغۇل ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان، زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر (1526 - يىلىدىن 1530 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1526 - يىلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، پانىپات جېڭىدە لۇدھى قوشۇنىنى يەڭگەندىن كېيىن، بۇ ئىمپېرىيىنى قۇردى. نەسرىددىن ھۇمايۇن (1530 - يىلىدىن 1556 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئافغانلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 1539 - يىلىدىن 1540 - يىلىغىچە شىرشاھ سۈرى (1539 - يىلىدىن 1545 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلىنىپ، پرسىيىگە قېچىپ كەتتى. 1548 - يىى يەنە بىر قېتىم ئەسكەر باشلاپ كېلىپ كابولنى ئىشغال قىلدى. 1554 - يىلىدىن 1555 - يىلىغىچە بىشاۋۇر ۋە لاھورغا يۈرۈش قىلىپ، ماچىۋالا ئۇرۇشىدا ئافغانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دېھلىگە كىرىپ، ئىمپېرىيىنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەكبەر تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق پانىپات ئۇرۇشىدا ئافغان قوشۇنىغا ئېغىر زەربە بەردى. 1560 - يىلىدىن باشلاپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، مەرۋە، غوجرات، بېنگال، كەشمىر، سىند، بەلۇجىستان ۋە دېككان قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى ھەمدە راچىپۇتلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. كېيىن دىنىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتە ئىسلاھات قىلىپ، باج ئېلىش، ئەدلىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىغا مائاش بېرىش تۈزۈمىنى تىكلەپ، مۇرەسسە قىلىنغان مۇقەددەس ئەقىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۇرىددىن مۇھەممەد جاھانگىر (5160 - يىلىدىن 1627 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1614 - يىلىدىن 1620 - يىلىغىچە نەچچە قېتىملىق توپىلاڭنى تىنجىتتى. دىندا كەڭ قورساق بولۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى. ئەدەبىيات - سەنئەت، سودا - سانائەت تەرەققىي قىلدى. دۆلەتتە تىنچ، گۈللەنگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شاھ جاھان (1628 - يىلىدىن 1666 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) دەۋرىدە مەمۇرىي باشقۇرۇشنى چېڭىتتى، دېھقانچىلىقنى رىغبەتلەندۈردى، سانائەتنى گۈللەندۈردى، تاشقى سودىنى كېڭەيتتى؛ ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە مائارىپنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. 1658 - يىلى ئاۋارڭزېب تەختنى تارتىۋالدى. ئۇ 20 يىل جەڭ قىلىش، توپىلاڭ تىنجىتىش ئارقىلىق ئىمپېرىيە زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈردى. بۇ دەۋردە ئىسلام دىنىنىڭ ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىسلام دىنىغا يات قانۇن ۋە ئادەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ھۆكۈمەتسىزلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان كۈچلەر يوقىتىلدى. ئىمپېرىيە ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش دەۋرىگە كىرىپ، ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىرلىككە كەلگەن ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى. مالاتالار بىلەن كۆپ يىل جەڭ قىلغانلىقتىن خەزىنە قۇرقدىلىپ قالدى، مەمۇرىي باشقۇرۇش قالايمىقانلىشىپ كەتتى. 1707 - يىلىدىن كېيىن ئىمپېرىيە ھوقۇق تالىشىشقا پېتىپ قالدى. كېيىن جايلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن ئىمپېرىيە خارابلىشىشقا باشلىدى. 1857 - يىلى ھىندىستاننىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىمپېرىيە رەسمىي ھالاك بولدى.