Uyghur主要词典
موسى ئاۋتونىيە شارقىراتمىسى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرئافرىقىدىكى زەمبېزى دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان چوڭ شارقىراتما بولۇپ، بۇرۇن <ۋىكتورىيە شارقىراتمىسى> دەپ ئاتالغان. بۇ شرقىراتما زەمبىيىنىڭ مارامبا شەھىرىنىڭ غەربىگە، زەمبىيە بىلەن زىمبابۋىنىڭ چېگرىلانغان يېرىگە جايلاشقان. شارقىراتما بەلبلاغ رايونىنىڭ شەكلى <Z> شەكلىدە بولۇپ، 97 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلغان. ئاساسىي شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى 122 مېتىر، كەڭلىكى 1800 مېتىر كېلىدۇ. شارقىراتما تاشلىق ئاراللار ئارقىلىق بەش تارماققا بۆلۈۋېتىلگەن. شارقىراتما رايونىدا كۆتۈرۈلگەن تۇمان 15 كىلومېتىر ئارىلىقتا كۆرۈنىدۇ. شارقىراتما ئاۋازى 15 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئاڭلىنىدۇ. شارقىراتمىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 1400 كۇب مېتىر سېكۇنت، يامغۇر پەسلىدە 5000 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول. شارقىراتمىنىڭ زەمبىيە تەرىپىگە چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىنغان. بۇ جاي ھازىر مۇھىم ساياھەت رايونىغا ئايلاندى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。