Uyghur主要词典
موسكۋا كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
15 -14 -ئەسىرلەردىكى شەرقىي شىمال رۇسلىرىنىڭ فېئوداللىق دۆلىتى. پايتەختى موسكۋا بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ۋالادىمىر كىنەزلىكىدە يۇرىي ۋالادىمىروۋىچ (لەقىمى ئۇزۇن قول) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ( 1125 - 1157) موسكۋا شەھىرىنى قۇرغان (1147). 13 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ۋلادىمىر كىنەزلىكىگە موسكۋا كىنەزلىكى دەپ نام بېرىلگەن. 13 -ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۆلۈنۈپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان. 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دۆلەت كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىپ، داۋاملىق تۈردە ئەتراپتىكى كىنەزلىكلەرنى قوشۇۋالغان. 1328-يىلى، موسكۋا كىنەزى ئىۋان Ⅰ (ھەميان) پۇلغا ۋە موڭغۇللار بىلەن چېركاۋنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، كۈچلۈك رەقىبى كىنەز تىۋىرنى يېڭىپ، ۋلادىمىر كىنەزلىك مەرتىۋىسىنى ئېلىپ، رۇس كىنەزلىكلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىغان. دىمىترى دونېسكى تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (1359 - 1389)، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لىتۋانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ تاقاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، موسكۋا چوڭ كىنەزلىكىنىڭ ھەرقايسى كىنەزلىكلەردىكى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، شەھەر جايلاردىكى فېئودال كىنەزلىكلەرنى يەڭگەن. 1480-يىلى، قىپچاق خانلىقى لىتۋا بىلەن بىرلىشىپ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىلىپ چېكىنگەن، شۇنىڭ بىلەن قىپچاق خانلىقىنىڭ رۇسلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان. ئىۋان Ⅲ نىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە، پىسكوۋنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرقىي شىمالدىكى پۈتۈن رۇسلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رۇسلارنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلىتىنىڭ ياردروسى بولۇپ قالغان. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رۇسلار ئاساسەن بىرلىككە كېلىپ بولغان.