Uyghur主要词典
موست
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1906) گېرمانىيىلىك ئانارخىست. 1863 - 1868-يىللىرى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق جايلاردا تۈپلەش ئىشچىسى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. كېيىن ۋېنا قاتارلىق جايلاردىكى سوتسىيالىستىك گېزىلتەرنىڭ تەھىرىرى بولغان. ئاۋسترىيىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ بېرلىندا <ئەركىنلىك گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1874 - 1878-يىللىرى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1878-يىلى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن.1879-يىلى 1-ئايدا، لوندوندا ئانارخىستلار ژۇرنىلى <ئەركىنلىك> ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، قانۇنىي كۈرەشكە قارشى تۇرۇپ، شەخسىي تېررورلۇق سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان، دەرھال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، <سول> چىل قۇرۇق شوئارلارنى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئورنىغا قويغان ھەمدە يېڭى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى چاقىرىق قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك قىلغان. ماركس، ئېنگېلسنىڭ پاش قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشى ئارقىسىدا، 1880-يىلى پارتىيىدىن چىقىرىلغان. 1881-يىلى چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅱ نى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى گېزىت - ژۇرناللاrدائاشكارا ماختىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1882-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ماكانلاشقان، <ئەركىنلىك> ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتسىزلىكنى داۋاملىق تەشۋىق قىلغان.