Uyghur主要词典
موما
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاتا - ئانىنىڭ ئانىسى.
مومىسىنى كۆرسەتمەك. * مال بولسا مومام باقىدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
موما ياغاچ.
خامانغا قوشۇلغان ئۇلاغلار مومىنى ئايلىنىپ خامان تېپەتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
(مو: ما) جىڭموما، ھورنان.
بىز خەققە موما ياراشمايدۇ، ئىككى ۋاخ يېسەكلا چىقىپ قالىمىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېلېكتر، تېلېفون، رادىئو سىملىرىنى تارتىش ئۈچۈن، ياغاچ، سېمونتلاردىن ياسالغان موما ياغاچ.
ستولبىغا ئات - ئۇلاغ باغلاش خەتەرلىك. موما ياغاچ جامائەتنىڭ مۈلكى، ئاسراش، بۇزماسلىق كېرەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاتا - ئانىنىڭ ئانىسى.
<جىجە> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<قۇرتقا> لوپنۇر دىئالېكتىدا، ئانىنىڭ ئانىسى، ئانىسىنىڭ ئانىسىنى كۆرسىتىدۇ.
<چوڭ ئانا> بەزى شېۋىلەردە ئاتىسىنىڭ ئاچىسىنى كۆرسىتىدۇ.
مال بولسا، مومام بېقىپتۇ. چوڭ ئانام چايغا ئامراق، شاما چاينايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەرگە تىك قادالغان، بېشى ئۇچلۇقراق ياغاچ.
خامانغا موما قادالغانىدى. يىراقتىن بىر خادا ياغاچ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
←ھورنان.
دىۋانە ئايال ئالىقىنىدىكى ئاق مومىنى ئىككىگە بۆلدى - دە، يېرىمىنى قىزغا بەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خاماننىڭ ئوتتۇرىسىغا تىك قادالغان خادا، بادرا.
ئۇ ماغدۇرسىزلىنىپ مومىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاتا ياكى ئاپىنىڭ ئانىسى (پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن).
مومىسى ئۇنىڭغا چوڭ دادىسىنىڭ ئۈچتۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن.
قېرى ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ئېيتىلىدۇ.
- موما، سىلى ئولتۇرسىلا، - دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىدا تۇرغان قېرى ئايالغا.