Uyghur主要词典
مولېكۇلا گېنېتىكىسى
بىئولوگىيە
گېنېتىكىنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشنىڭ مېخانىزمىنى مولېكۇلا سەۋىيىسىدە تەتقىق قىلىش، ئىرسىيەت ماددىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە نۇسخىلىنىشى، دې ئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (DNA)، رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (RNA) ۋە ئاقسىل قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى شەرھلەشتىن ئىبارەت. ئۇ گېننىڭ ماھىيىتى، تەركىبى، ئۆتكۈزۈلۈشى، توساتتىن ئۆزگىرىشى، قايتىدىن گۇرۇپپىلىنىشى، مېتابولىزىم ۋە يېتىلىشنى كونترول قىلىشى، ھۈجەيرە يادروسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.