Uyghur主要词典
مولېكۇلا كلون توشۇغۇچىسى
بىئولوگىيە
مەخسۇس گېن بۆلىكىنى ئېلىپ يۈرۈپ باكتېرىيىگە كىرگۈزۈپ كېڭەيتىش ۋە ئىپادىلەشتە زۆرۈر بولغان ئۆزلۈكىدىن مۇستەقىل نۇسخىلىنىدىغان مولېكۇلا توشۇغۇچىسىدۇر. كۆڭۈلدىكىدەك بىر مولېكۇلا كلون توشۇغۇچىسى چوقۇم مۇنداق بولۇشى كېرەك: (1) ئايرىۋېلىپ ساپلاشتۇرۇش ئاسان بولۇشى، مولېكۇلىنىڭ كىچىكلىكى مۇمكىنقەدەر مۇھىم بولمىغان بارلىق ئىرسىي ماددا توشۇغۇچىلىرى چىقىرىلىپ كەتكۈدەك بولۇشى كېرەك. (2) خروموسومىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نۇسخىلىنىدىغان ھەمدە يۇقىرى نۇسخىلىنىش چاستوتىسىغا ئىگە نۇسخىلانغۇچ بولۇشى كېرەك. (3) ئوخشمايدىغان بىر قانچە خىل چەكلىمىلىك ئىچىدىن كەسكۈچى نۇكلېئوئاتسىدازا پارچىلايدىغان ئاساسىي ماددىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. (4) سىرتقى مەنبەلىك گېن گۇرۇپپىسىنى باشقا بىر ھۈجەيرىگە ئېلىپ كىرىدىغان ھەم كېڭەيتىدىغان فۇنكىسىيىسى بولۇشى كېرەك. (5) پەرقلەندۈرۈلىدىغان بەزى ئاددىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، دورىلارغا قارشى تۇرۇشچانلىقى، ئوزۇقلۇق كەمتۈك تىپلارنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلىشى، ئىممۇنىتېتلىق دەسلەپكى باكتېرىئوفاگ دېغى قاتارلىقلار تاللاشتا بەلگە قىلىنىدۇ. باكتېرىيە پلازمىدى، ۋىرۇس DNA، ئېچىتقۇ پلازمىدلار مولېكۇلا كلون توشۇغۇچىسى قىلىنىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان باكتېرىيە پلازمىدلىرىدىن PSCIOI, PMBP, PCRI RSF 2124 PBR 322 قاتارلىقلار بار. يېقىندا يېڭىدىن PK 2 پلازمىدقا trpFD بۆلىكىنى قوشتى، يەنى تاللاش بەلگىسى قوشۇلدى. يەنە Bam HI Hiud III كېسىش نۇقتىلىرى بولىدۇ. سرتقى مەنبەلىك گېنلارنىڭ توغرا ئىپادىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش يەنە گېنلارنىڭ تەڭشىلىپ باشقۇرۇلۇش سىستېمىسىغا باغلىق بولىدۇ. نۆۋەتتە ھەقىقىي يادرولۇقلار گېننىڭ ئىپادىلىنىشىگە يول قويىدىغان پلازمىد توشۇغۇچى PBGP 120 قۇرۇلدى.