Uyghur主要词典
مولېكۇلا بىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق ھادىسلىرىنى مولېكۇلا سەۋىيىسىدە تۇرۇپ تەتقىق قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئۇ ئاساسەن فىزىكا - خىىمىيىلىك ئۇسۇل ۋە تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلىلار (بولۇپمۇ ئاقسىل، ئېنىزىم ۋە نۇكلېئىن كىسلاتالار) نىڭ تۈزۈلۈشى، فۇنكىسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتلار ئارقىلىق ھەر خىل ھاياتلىق ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى فوتوسنتېز، مۇسكۇللارنىڭ يىغىلىشى، نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى، ئىرسىيەتلىك ئالامەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى قاتارلىق ھەر خىل ھاياتلىق جەريانلىرىنى مولېكۇلا سەۋىيىسىدە تۇرۇپ فىزىكا - خىمىيىلىك ئانالىز قىلىش. مولېكۇلا بىئولوگىيىسى بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى بىئولوگىيە ئاساسى بىلەن قوللىنىش بىئولوگىيىسىنىڭ ھەممە تارماقلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، بىئولوگىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يېزا ئىگىلىك، سانائەت، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. مەسىلەن، ئورگانىك فوسفورلۇق دېھقانچىلىق دورىسىدىكى زەھەر قايتۇرغۇچ - <زەھەر قايتۇرغۇچى فوسفور> خولىن ئېستېرازىنىڭ تەسىر قىلىش مېخانىزمىغا ئاساسەن لايىھىلەپ چىقىلغان. راك كېسىلىنى داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا 5 - فلۇروۋراتسېل ۋە 6 -مېركاپتوپۇرىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل دورىلارنىڭ ئۆسمە ھۈجەيرىسىدىكى نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ مېتابولىزمىغا بولغان تەسىرىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مولېكۇلا بىئولوگىيىسى تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە ھاياتلىقنىڭ سىرى چوقۇم ئېچىلىدۇ، ھەمدە يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، داۋالاش، دورىگەرلىك ۋە سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.