Uyghur主要词典
مومسېن
دۇنيا تارىخى
(1817 - 1903)، گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا كىل داشۆسىگە كىرىپ، قانۇن ۋە تىلشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن، ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى يۇقىرى بولغان. 1848-يىلى لېيپسېگ داشۆسىنىڭ رىم قانۇن پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما 1848-يىلى لېيپسېگ داشۆسىنىڭ رىم قانۇنى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما 1848-يىلقى ياۋروپا ئىنقىلابىدا دېموكراتىك ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئىشتىن بوشىتىلغان. 1852-يىلدىن باشلاپ شۋېتسارىيىنىڭ سيۇرېخ داشكسى ۋە بروسلاۋ داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1858 - 1885-يىللاردا بېرلىن داشۆسىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1863-يىلى پرۇسسىيە ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1881-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۆمۈر بويى ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەتقىق قىلىپ، 1500 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئەڭ داڭلىق ئەسىرى <رىم تارىخى> بولۇپ، بەش توملۇق قىلىپ يېزىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، تۆتىنچى تومىنى يازمىغان، ئەمەلىيەتتە تۆت توموۇق بولغان. ئالدىنقى ئۈچ تومىدا يىراق قەدىمكى زاماندىن جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە بولغان قەدىمكى رىم تارىخى بايان قىلىنغان. بەشىنچى تومىدا رىمنىڭ ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلىرىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بەشىنچى تومىدا رىمنىڭ ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلىرىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابتا پمپېئى كەمسىتىلىپ، كائېسار مۇكەممەل ئادەم دەپ ماختالغان، ئاپتورنىڭ مەقسىتى قەدىمكىنى بۈگۈنكىگە ئوخشىتىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى كائېسارغا ئوخشاش ئولۇغ ئادەمنىڭ ئورۇنلىشىغا توغرا كېلىدۇ، دېگەننى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. بۇ ئەسەر ماتېرىيال تاللاشقا جىددىي مۇئامىلىدە بولۇپ، سۆز - ئىبارىسى چىرايلىق، مول ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە بولغانلىقتىن، 1902-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كۆپ يىللىق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈپ چىققان <لاتىن ئويما يېزىقلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى> دېگەن ئەسەر، رىمنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە <رىم پۇل تۈزۈمى تارىخى>، <رىمنىڭ دۆلەت قانۇنى> دېگەن ئەسەرلىرىمۇ بار.