Uyghur主要词典
مومېنت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم.
<كەز>، <پۇرسەت> بىرەر مەقسەتتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەلگىلىك ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
<پەيت>، <مومېنت> ۋاقىتقا باغلىق ئوبيېكتىپ شارائىتقا قارىتىلىدۇ.
<چولا> ئېغىز تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتى
ۋاقىتتىن ئالتۇن كېلەر، ئالتۇنغا ۋاقىت كەلمەس. ۋاقىت - ئالتۇن. ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئوشۇقى يوق. تۆت پۇتلۇق ئاتنىڭمۇ مۈدۈرىدىغان چېغى بار. كىمكى كەچۈرمىسە ئۆزگى ئۆزى، كەچۈرمەس ئۆزگىمۇ كەلگەندە كېزى. كەتكەن پۇرسەت قايتىپ كەلمەس. تاڭ ئالدىدىكى پەيت ھەممىدىن قاراڭغۇ بولىدۇ. كەلگەن مومېنتنى قولدىن بەرمە. ئىشچان ھەسەل ھەرىسىنىڭ مۇڭلىنىشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
مەزگىل، پەيت، دەۋر.
ھازىر بىز مۇھىم بىر تارىخىي مومېنتقا دۇچ كېلىپ قالدۇق.