Uyghur主要词典
ماكۇلاي
دۇنيا تارىخى
(1800 - 1859) ئەنگلىيىلىك بۇردۇئا سىياسىئونى ۋە تارىخشۇناس. مۇستەملىكە ئەمەلدارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېمبىرىچتە ئوقۇپ، 26 يېشىدىن تارتىپ ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1825-يىلى مىلىتون توغرىسىدىكى دېسىرتاتسىيىسى بىلەن داڭق چىقارغان. 1830-يىلى خۇيگ پارتىيىسىنىڭ تۆۋەن پالاتادىكى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. 3218-يىلدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتىدا كۈچۈ چىقارغان. 1834 - 1838-يىللىرى ھىندىستان باش ۋالىي مەھكىمىسى ئالىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1839 - 1941-يىللىرى ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1846 - 1847-يىللىرى ھەربىي لازىمەتلىكلەر باش تەپتىش بولغان. 1857-يىلى لورد ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئاساسىي نىزامچىلار ھەرىكىتىگە ۋە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىغا قارشى تۇرغان. 1849-يىلدىن كېيىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەينى زاماندىكى خۇيگ پارتىيىسىنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسەرلىرىدىن <جامېس Ⅱ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئەنگلىيە تارىخى>، <قەدىمكى رىم ناخشىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ ماقالىلىرىدە سۆز - ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە ئۇستا بولسىمۇ، لېكىن تارىخىي پاكىتلارغا ئېتىبار بەرمىگەن.