Uyghur主要词典
ماكسىۋېل
يۈز مەشھۇر شەخىس
1831 - 1879
ئەنگلىيىلىك ئۇلۇغ فىزىك ماكسىۋېل ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتىكا ئىلىمىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىگە ئائىت تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن ھەممىگە تونۇلغانىدى.
ماكسۋېلدىن بۇرۇن، ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتكا تەتقىقاتى بىلەن خېلى كۆپ كىشىلەر شۇغۇللانغانىدى. شۇڭا توك بىلەن ماگىنىتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇلارغا ئايان ئىدى ھەمدە بىر نەچچە ئېلېكتر - ماگىنت قانۇنىنىمۇ بايقىغان، بىراق بىرەرمۇ بىرلىككە كەلگەن ۋە مۇكەممەل نەزەرىيە يوق ئىدى.
ماكسۋېل تۆت قىسقا تەڭلىمە كەشپ قىلدى. بۇ تەڭلىمىلەر بىلەن ئېلېكتر ۋە ماگىنتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا شەرھلەپ بەردى ۋە بۇ ئارقىلىق مۇرەككەپ تەبىئىي ھادىسىلەرنى چۈشىنىشلىك نەزەرىيىگە ئايلاندۇردى. ماكسۋېل تەڭلىمىسى ئۆتكەنكى بىر ئەسىر ئىچىدە، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى.
ماكسۋېل تەڭلىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇ يەردىكى، ئقۇ بىر يۈرۈش ئادەتتىكى تەڭلىمە بولۇپ، ھەممە ئەۋالغا ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ؛ بىزگە مەلۇم بولغان زور بىر تۈركۈم ئېلېكترىكا قانۇنىنىڭ ھەممىسى ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولمىغان باشقا بىر قانچە يەكۈنلەرنى چىقاردى.
ماكسىۋېل چىقارغان يېڭى يەكۈن ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى؛ ئېلېكتر ماگىنت مەيدانى ئىچىدە دەۋرىيلىك تەۋرىنىش يۈز بېرىدۇ؛ بۇ خىل تەۋرىنىش ئېلېكتر ماگىنت دولقۇنى دېيىلىدۇ. ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا تارىيالايدۇ. ماگسۋېل بۇ خىل ئېلېكتر ماگىنت دولقۇنىنىڭ سۈرئىتىنى ھېسابلاپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ تېزلىكى مىنوتىغا 003 مىڭ كىلومېتر ئىكەنلىكى شۇنداقلا نۇرنىڭ سۈرئىتى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى سەزدى. بۇنىڭدىن نۇر - ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن تەشكىللەنگەن دېگەن يەكۈننى چىقاردى.
شۇنىڭدىن قارىغاندا، ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسى ئېلېكترىكا ۋە ماگىنىتىكا ئاساسىي قانۇنى بولۇپلا قالماستىن، ئوپتىكىنىڭمۇ ئاساسىي قانۇنى. ئەمەلىيەتتە، بارلىق ئوپىتىكا قانۇنلىرىنى ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسىدىن يەكۈنلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرۇن كىشىلەر بىلىپ بولمىغان نۇرغۇن ھەقىقەت بىلەن ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى بايقىۋالدى.
دېمەك، نۇر بىردىنبىر ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى چىقىرالايدىغان نۇر ئەمەس، ماكسۋېل تەڭلىمىلەر سىستېمىسى يەنە نەچچە خىل ئېلېكتر ماگىنىتى بارلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئامپلىتۇدىسى كۆرۈنىدىغان نۇر بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گېرمانىيلىك فىزىك ھېرتىس ئەمەلىي بايقاش بىلەن بۇ يەكۈننى ئىسپاتلاپ، ماكسۋېل ئالدىن پەرەز قىلغان كۆرگىلى بولمايدىغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەردى. نەچچە يىلدىن كېيىن، ئىتالىيلىك فىزىك ماركونى بۇ خىل كۆرگىلى بولمايدىغان دولقۇننى رادىئو خەۋەرلىشىشىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن رادىئو خەۋەرلىشىشىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن رادىئو رېئاللىققا ئايلاندى. ھازىر بىز ئۇنى تېلېۋىزۇرغا ئىشلەتتۇق. X نۇرى، Y(گامما) نۇرى، ئىنفرا قىزىل نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ مىساللىرى؛ ماكسۋېلنىڭ تەڭلىمىلەر سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۇرلار ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىش ناھايىتى ئاسانغا توختايدۇ.
ماكسۋېل ئۆزىنىڭ ئېلېكتر - ماگنىتكا ئىلمى ۋە ئوپىتكا جەھەتتىكى ئۇلۇغ بايقىشى بىلەن شۆھرەت قازاندى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ تۆھپىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىدى. ئۇ ئاسترونومىيە ۋە تېرمودىنامىكا نەزەرىيىسى قاتارلىق پەنلەردىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجە قازانغانىدى. گاز ھەرىكىتى نەزەرىيىسى ئۇنىڭ ئالاھىدە قىزىقىدىغان تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ماكسۋېل گازنىڭ ھەممىسى ئوخشاش سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلمايدۇ، گاھى ئېلېمېنتلارنىڭ ھەرىكىتى تېز بولىدۇ، گاھىلىرىنىڭ ئاستا بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ماكسۋېل ھەر قانداق بىر خىل مۇقىم سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدىغان گاز ئېلېمېنتىنىڭ پارچىلىنىش سانىنى بېكىتكىلى بولىدىغان نەزەرىيىنى ياراتتى. بۇ فورمۇلا <ماكسۋېلنىڭ تېزلىك بويىچە تەقسىملىنىش قانۇنى> دېيىلىدۇ. بۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان فورمۇلىلارنىڭ بىرى، كۆپ خىل پەنلەردە مۇھىم ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.
ماكسۋېل 1931 - يىلى ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇ ئەقلى جەھەتتىن بۇرۇن يېتىلگەنىدى. 15 يېشىدا ئېدىنبۇرگ شەھىرىدىكى خان جەمەتى جەمئىيىتىگە ئىلمىي ماقالىسىنى تاپشۇردى. ئۇ كامبرىد داشۆسىدە ئوقۇغان. ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى پروفېسسور پېتى ئۆتكۈزدى. ئۇ توي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇ نيۇتون بىلەن ئېينىشتېيىن ئارىلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ئىدى. بەختكە قارشى، ئۇ راك كېسىلىگە گرىپتار بولۇپ، 48 يېشىدىلا ئالەمدىن ئۆتتى.
دۇنيا تارىخى
(1831 - 1879) ئەنگلىيلىك فىزىك. كلاسسىك ئېلېكترو ماگنىت نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى. شوتلاندىيىلىك. دەسلەپ ئېدىنبۇرگ ۋە كېمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە ئوقۇغان. 1811-يىلدىن باشلاپ كېمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى تەجرىبە فىزىكىسىنىڭ باش پروفېسسورى بولغان ھەمدە كاۋېندىش تەجرىبىخانىسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن. ئۆزىنىڭ <ئېلېكتر ۋە ماگنىتشۇانسلىق توغرىسىدا> ناملىق كىتابىدا، ئېلېكترو ماگنىت مەيدانىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىسى - ماكسىۋېل تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلغان. ئېلېكترو ماگنىت ئۆتۈش داۋامىدا بوشلۇقتا مۇئەييەن سۈرئەت (يورۇقلۇق سۈرئىتىگە باراۋەر) بىلەن تارقىلىدۇ دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلترا ئارىلىق رولىدىن ئىبارەت خاتا ئۇقۇمنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلغان ھەمدە يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى - ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن ماتېماتىكىلىق ستاتىستىكا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قولېكۇلا ھەرىكىتىنىڭ ماكسىۋېل سۈرئەت تارقىلىش قانۇنىنى ھاسىل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا تېرمودىنامىكا، ئوپتىكا، مولېكۇلا فىزىكىسى ۋە سۇيۇقلۇق جىسىملىرىنىڭ خاراكتېرى نەزەرىيىسى قاتارلىق جەھەتتىكى تەتقىقاتىدىمۇ مۇئەييەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق <ماددا ۋە ھەرىكەت> ناملىق ئەسىرى بار.