Uyghur主要词典
ماككابى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندىكى يەھۇدىيلارنىڭ سېلېئۇكۇس پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. مىلادىدىن 167 يىل ئىلگخرى سېلېئۇكۇس پادىشاھى ئانتىئوچۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى 164 - 152) يەھۇدىي دىنىنى بىكار قىلىپ، گېرىكلەشتۈرۈشنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادى 166-يىل ئىلگىرى كاھىننىڭ ئوغلى يوداس ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ رەھبەر بولغان، ئۇنىڭ لەقىمى ماككابى (يەھۇدىيچە Makkabi دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولغا دېگەنلىك) بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار سېلېئۇكۇس قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، مىلادىدىن 164 يىل ئىلگخرى ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، قايتىدىن يەھۇدىي دىنى خانىقاسىنى قۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گرېك بايلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. مىلادىدىن 160-يىل ئىلگىرى يوداس جەڭدە قازا قىلىپ، ئۇكىسى يوناتان ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى ئەڭ ئالىي كاھىن دەپ، مەمۇرىي دىنىي ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالغان. مىلادىدىن 142 يىل ئىلگىرى يوداسنىڭ يەنە بىر ئۇكىسى سىمون تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئېرۇسالىمنى قايتا ئىشغال قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، خاسمونائېئان خاندانلىقىنى قۇرغان. سېلېئۇكۇس پادىشاھى ئانتىيوك Ⅶ ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 129 - 139)، يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم بويسۇندۇرۇلغان.