Uyghur主要词典
ماكدونالد
دۇنيا تارىخى
(1) جون ئالېكساندر ماكدونالد (1815 - 1891) كانادا زۇڭلىسى (1867 - 1873، 1878 - 1891). شوتلافندىيىدە تۇغۇلغان. ئادۋوكاتلىق قىلغان. كانادا ئەدلىيە مىنىستىرى، پوچتا ئىشلىرى مىنىستىرى، زۇڭلىلىق قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. قوشما شتات ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. <ئەنگلىيىگە قاراشلى شىمالىي ئاېرىكا قانۇن لايىھىسى> نى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇنى ماقۇللىتىش جگھەتلەردە ھەسسە قوشقان. زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ئەمدىلا قۇرۇلغان قوشما شتاتلارنى راۋاجلاندۇرغان ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىگەن؛ ئېنگلىزلارنى كانداغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، تىنچ ئوكيان تۆمۈريولىنى ياساشنى تەكلىپ قىلغان، قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ كانادانى ئامېرىكىنىڭ تىزگىنلىۋېلىشىدىن خالاس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. (2) جامېس رامسىي ماكدونالد (1866 - 1937) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1924، 1929 - 1931، 1931 - 1935) لېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات كاتتىبېشى. شوتلاندىيىدە تۇغۇلغان. 1885-يىلى لوندونغا كەلگەن. شۇ يىلى سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1886-يىلى فابىئانچىلاr جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1894-يىلى مۇستەقىل لېيبورىستلاr پارتىيىسىگە كىرگەن. 1900-يىلى ئىشچى ۋەكىللىرى كومىتېتى (1906-يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1906-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1911 - 1914-يىللىرى لېيبورىستلاr پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىنچلىقپەرەسلىك مەۋقەدە چىڭ تۇغارنلىقتىن پارلامېنتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1922-يىلى يەنە بىر نۆۋەت پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1924-يىلى 1-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك لېيبورىستلار پارتىيىسى مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. بىراق شۇ يىلى 10-ئايدا تەختتىن چۈشكەن. 1929-يىلى 6-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك لېيبورىستلاr پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنگلىيىدە ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىپ، ئىشىسلىزق مەسىلىسى ئېغىرلاشقان. 1831-يىلى 8-ئايدا لېيبورىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشكەن. يېڭىۋاشتىن مىللىي لېيبورىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن ھەمدە مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ قوللىشى بىلەن بىرلەشمە كابىنېت (<مىللىي ھۆكۈمەت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ باش ۋەزىرى بولغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن لېيبورىستلار پارتىيىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن. 1935-يىلى 6-ئايدا باش ۋەزىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ: <پارلامېنت ۋە ئىنقىلاب>، <سوتسىيالىزم - تەنقىد ۋە تەكلىپ> ناملىق ئەسەرلىرى بار.