Uyghur主要词典
ماكىنلېي
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1901) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1897 - 1901) جۇمھۇرىيەتچى. ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. يېزا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قوشما شتات ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن قانۇن ئۆتىنىپ، ئادۋوكات بولغان. 1876 - 1891 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، قوغدىنىش چېگرا بېجىنى تەشەببۇ سقىلغان. 1890-يىلى پارلامېنت ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان چېگرا بېجى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇلىغان. 1891-يىلى ئوھىئو شتات باشلىقى بولۇپ سايلانغان ھەمدە 1893-يىلى ئۇدا سايلانغان. 1896-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتلاپ (1898-يىلى)، پۇئېرتو - رىكو، فىلىپپىن، گۇئام ئاراللىرىنى بېسىۋالغان ھەمدە ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان (1898). دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھايجۈن جۇڭگوغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانھەمدە جۇڭگودىكى يىخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1900-يىلى يەنە بىر نۆۋەت زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1901-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇففالودىكى پان ئامېرىكا كۆرگەزمىسىدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ، قازا تاپقان.